
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دالاي لاما 2011-يىلى تەكلىپكە بىنائەن ئېپىسكوپ دېسموند تۇتۇنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا بارماقچى بولغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى دالايغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى. بۇ دالاي لامانىڭ 2009-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولغاندا ۋىزا بېرىش رەت قىلىنغاندىن بۇيان، پرېتورىيا ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ئىككىنچى قېتىم ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشىدۇر.
دالاي لاما 1959-يىلى ھىندىستانغا سۈرگۈن بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ، دالاينىڭ ھەر قانداق دۆلەتنى زىيارەت قىلىشى ئۇلار بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو نۆۋەتتە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى.
دالاي لاما 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ماندېلانىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ماندېلادىن ئىبارەت ئۇلۇغ كىشىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە:«بىزدە چوقۇم ئۇنىڭ روھىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بولىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.
1996-يىلى 8-ئايدا، دالاي لاما ئافرىقىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى ماندېلا بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.
تەرجىمىدە: نەپرەت