ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

2013– يىللىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى

ۋاقتى : 2013-10-11  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

2013– يىللىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى


ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : 2013– يىللىق قۇربان ھېيىتلىق سەنئەت كېچىلىكى 9 – ئۆكتەبىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىدا سۈرەتكە ئېلىندى. بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى نومۇرلار خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇندالغان بولۇپ، ساھىبجامال دۆلەت، زەپەر ئابلىز قاتارلىق پەخىرلىك ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان قىسقا فىلىممۇ كىرىشتۈرلۈپتۇ. كېچىلىكتىكى بىرىنىچى ئېتوت ھېسام ئاكا توغرىسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، سىنارىيەسىنى ياش يازغۇچى ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى يېزىپتۇ. ئەكرەم سېتىۋالدى، پەرھات «باجى»، ئۈمىد غەنى قاتارلىقلار ئورۇنلاشقا قاتنىشىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرەتكۈدەك ئاجايىپ تەسىرلىك مەزمۇن ئىپادىلىنىپتۇ. ئىككىنچى ئېتىتوتتا ھېيىت – بايرامدا ئاتا – ئانىنى يوقلاش مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، مەندە ئانچە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرالمىدى. ئۈچىنچى ئېتوتنىڭ سىنارىيەسىنى جۈرئەت ۋاھىت يازغان بولۇپ، بۇ ئېتوتتا ھازىرقى قاتناش قىستاڭلىقى كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبى مەزمۇن قىلىنغان ئىكەن، بۇ ئېتوتقا  رېھىم قان، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت قاتارلىقلار رولغا چىققان بولۇپ، ئورۇندىلىشى ئىنتايىن قىزىقارلىق، مەزمۇنى تولىمۇ ئىبرەتلىك ئىكەن. كېچىكتە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، شىرئەلى ئەلتېكىن، مەۋلان مەمتىمىن قاتارلىق ناخشىچىلارنىڭ ناخشىسى، كوللىكتىپ ئۇسۇل ۋە سېرىك قاتارلىق نومۇر شەكىللىرى ئۆزگىچە شەكىلدە ئورۇندىلىپتۇ. بۇ كېچىلىك قۇربان ھېيىتنىڭ ھارپىسىدىن باشلاپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
 

«ھېسام ئاكا» ناملىق ئېتوتنىڭ سىنارىيە يازغۇچىسى ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى، بۇ ئېتوتنىڭ ئورۇندىغۇچىلىرى بىلەن بىللە.
 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا