ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

«كىنارە» سۇنغان كۆڭۈل سوۋغىسى

ۋاقتى : 2013-02-19  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : مەمىتىمىن كۆرۈلىشى : قېتىم

 

 

 

IMG_4131.jpg

ئۆز مۇخبىرىمىز مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى خەۋىرى، فوتوسى :16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ كىنارە بىئو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى ئۆكتەبىر تىياتىرخانىسىدا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر قاتارلىق رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار، مېھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ ئەزالىرى، كىنارە شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرىدىن بولۇپ 1000 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. پائالىيەتتە سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالغاندىن باشقا يەنە ئىللىقلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى تاشبۇلاق ئاھالىلەر رايونى بىلەن بەيگە مەيدانى ئاھالىلەر رايونىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 44 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 70 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نەق پۇل ۋە ماددىي بويۇم سوۋغا قىلىندى.

IMG_4184.jpg

پائالىيەتتە يەنە شىنجاڭ كىنارە بىئو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ لىللا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى كارخانىنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

IMG_4138.jpg

شىنجاڭ كىنارە بىئو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئالىمجان ھاجىم مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق پائالىيىتىمىز نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىركىتىمىزنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىنى ئېچىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش ھەمدە قېرىنداش شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنى قوللىغان بارلىق ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە، ۋاكالەتچىلەرگە، ساخاۋەتچى ئاتىلار ۋە مېھرىبان ئانىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ كىنارە بىئو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مۇقىم تىجارەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتەڭ شىركەت ئېڭىنى جارىي قىلدۇرۇپ، قىزغىن، ئاكتىپ، تېخنىكىلىق بولۇشتەك شىركەت ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە مەھسۇلات تۈرىنى 40 نەچچە خىلغا، خادىملارنى 50 نەچچىگە يەتكۈزۈپ، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تارماق دۇكانلارنى ئېچىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن يەنە 2010 – يىلى كەسىپ تۈرلىرى بويىچە مەملىكەتلىك 10 داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن. يەنە AAA دەرىجىلىك كارخانا قاتارلىق شەرەپگىمۇ ئېرىشكەن.

IMG_4122.jpg

IMG_4126.jpg

IMG_4176.jpg

IMG_4384.jpg

IMG_4383.jpg

IMG_4382.jpg

IMG_4273.jpg

IMG_4298.jpg

IMG_4301.jpg

IMG_4179.jpg

IMG_4192.jpg

IMG_4200.jpg

IMG_4208.jpg

IMG_4215.jpg

IMG_4221.jpg

IMG_4247.jpg

IMG_4253.jpg

IMG_4275.jpg

IMG_4294.JPG

IMG_4286.jpg

IMG_4291.jpg

IMG_4308.jpg

IMG_4316.jpg

IMG_4335.jpg

IMG_4345.jpg

IMG_4400.jpg

IMG_4394.jpg

IMG_4365.JPG

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا