
جۇڭگو ئاخبارات تورى 3-دېكابىر خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3-ئايدا ماقۇللىغان جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شىمالىي كورىيەنى جازالاشقا ئالاقىدار پرېزىدېنت بۇيرۇقىغا قول قويغان. مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلار روسىيە قانۇن ئۇچۇرلىرى تورىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
شىمالىي كورىيە 2005-يىلى ئۆزىنىڭ يادرو كۈچلۈك دۆلىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە 2009،2006 ۋە 2013-يىلى ئايرىم ھالدا يەر ئاستى يادرو تەجرىبىسى قىلىپ خەلقئارا جەمىئيەتنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆپ قېتىم پيوڭياڭغا جازا بېرىش ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەجرىبىسى قىلغىنىغا ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىر يۈرۈش يېڭى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر تەدبىردە شىمالىي كورىيە بانكىلىرىنىڭ سودىسىنى چەكلەش، شىمالىي كورىيە ھېساباتىنى توڭلىتىش، شىمالىي كورىيەنىڭ ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇش ھەمدە كۆپ مىقداردا پۇل ئېلىپ يۈرگەن (مەزكۇر پۇلنى پيوڭياڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ دەپ گۇمانلىنىلغان) دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنى تەكشۈرۈش بەلگىلەنگەن.
پۇتىن ئىمزا قويغان بۇيرۇققا ئاساسەن، روسىيەدىكى بارلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى، سودا ۋە سانائەت كارخانىلىرىنىڭ شىمالىي كورىيەنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش ئۈچۈن ھەر قانداق تېخنىكا ۋە مەسلىھەتچىلىك ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەش چەكلىنىدۇ، تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان شىمالىي كورىيە پاراخوتلىرى پورتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى شىمالىي كورىيە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن خىزمەت قىلغاندا ھوشيارلىقىنى ساقلايدۇ.
بۇيرۇقتا يەنە ياردو پىلانى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىمالىي كورىيەلىكلەرنىڭ ئىسمىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن.