بىرلەشمە سەھەر گېزىتى
تورىنىڭ 17-يانۋار خەۋىرى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنىلا فىلىپپىننىڭ لۇباڭ ئارىلىدا 30 يىل يوشۇرۇنۇپ ياتقان ياپونىيەنىڭ سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە لېيتېناتى ئونادا خىرو 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن كىيوتودىكى دوختۇرخانىدا 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
تەيۋەن جوڭشى ئېلېكترن
تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئونادا خىرو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەڭ ئاخىرى تەسلىم بولغان ئەسكەر دەپ ئاتالغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىيلىككە قاتناشقان، 1944-يىلى 11-ئايدا فىلىپپىننىڭ لۇباڭ ئارىلىغا مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئۆتەشكە ئەۋەتىلگەن.
ئامېرىكا ئارمىيىسى لۇباڭ ئارىلىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كېيىن، ئونادا بىلەن 3 سەپدىشى ئورمانلىقتا يوشۇرۇنۇپ، قەتئىيلىك بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغان، 1974-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاندىن فىلىپپىن ساقچىلىرىغا تەسلىم بولغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئونادا ياپونىيەگە قايتقاندىن كېيىن «ئونودا تەبىئەت مەكتىپى» نىڭ كېڭەش باشلىقى بولغان. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا ياتقان
تەرجىمىدە: نەپرەت