
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ 2005-يىلى لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى رەفىق ھاررىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن 4 ئەزاسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ب د ت ئالاھىدە سوتىدا سوتلانغان.
مەزكۇر دېلونى سوتلاشقا مەسئۇل سودىيە داۋىد رى ب د ت لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتىدا:«بىز بۈگۈن تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز» دېگەن.
2005-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، لىۋاننىڭ باش مىنىستىرى رەفىق ھاررى بېيرۇتتا ماشىنا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە باشقا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئاللاھ پارتىيىسى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى.
2007-يىلى 5-ئايدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 1757-قارار ماقۇللاپ، لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان. مەزكۇر سوت 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى گوللاندىيە خاگېدا رەسىمىي ئىشقا كىرىشكەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت