ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىككىنچى قېتىملىق سۇرىيەگە ئىئانە قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

ۋاقتى : 2014-01-16  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-يانۋار خەۋىرى: سۇرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ئىككىنچى قېتىملىق ئىئانە قىلىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە يىغىلغان.
69 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن رەھبەرلەر، ھۆكۈمەت باشلىقى ياكى ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق ئىئانە قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. كۇۋەيت ئەمىرى ساباھ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
بان كىمۇن مۇخبىرلار يىغىنىغا ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىئانە ۋەدىسىگە ئېرىشكەن، بۇنىڭدا كۇۋەيت 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدۇ. ياپونىيە 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدۇ.
ئامېرىكا شۇ كۈنى 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 225 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
بان كىمۇن ئەڭ ئاخىرىدا 6 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە توپلاپ، سۇرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان.

تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا