ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپى مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ شەھۋانىي سۈرىتى ئاشكارىلاندى

ۋاقتى : 2014-01-15  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

يېڭى ئاستانە گېزىتىنىڭ 15-يانۋار خەۋىرى: شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن گوگاڭنىڭ شەھۋانىي سۈرىتى يېقىندا توردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دىققەتنى تارتتى.
ئۆزىنى شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانتى دېگەن بىر قىز 14-يانۋار كەچتە، مۇئاۋىن مۇدىر بىلەن بولغان جىنسىي سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە مۇئاۋىن مۇدىرنىڭ ئۆزىنى ئۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
قىزنىڭ دېيىشىچە، مۇئاۋىن مۇدىر ئۇنى ئۇرغاندىن كېيىن، ساقچىخانىغا دېلو مەلۇم قىلغان، مۇخبىر 14-يانۋار كەچ ساقچىدىن دەلىللىشىچە، ساقچىلار تەكشۈرۈشكە باشلىغان. يېڭى ئاستانە گېزىتى خەۋەر قىلغانغا قەدەر، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپى مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ شەھۋانىي سۈرىتى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
پاش قىلىش ئۇچۇرى توردا ئەڭ بۇرۇن 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:23 ئۆتكەندە ئېلان قىلىنغان. «پالۋاننىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈشى» ناملىق تورداش مىكروبلوگدا يازما يوللاپ:«شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن گوگاڭ بويتاق قىز ئوقۇغۇچىنى ئالدىدى، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن كېيىن ئىشخانىدا قىز ئوقۇغۇچىنى ئۇردى، بېشى يارىدار بولدى، شىئەن شەھەرلىك شىياۋسەي ساقچىخانىسغا دېلو مەلۇم قىلىندى» دەپ يازغان.
بۇ تورداش 9 پارچە سۈرەت يوللىغان، مۇخبىرنىڭ سۈرەتلەرنى كۆرۈشىچە، بۇ سۈرەتلەر يېشى ۋە كەسپى، سىنىپىنىڭ ئۇچۇر بار «شەنشى ئۆلكىلىك پارتىكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى»، بېشى تېڭىلغان، يۈزى ئىشىغا جاراھەتكە ھەمدە چىن گوگاڭنىڭ يېرىم-يالىڭاچ سۈرەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا