شىنخۇا تورىنىڭ 14- يانۋار رامئاللاھتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بىسىسونىڭ 14- يانۋار ئېيتىشىچە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ھەمدارانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى شۇ كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى ئەتراپىدا توسۇۋېلىنىپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.
پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بىسىسونىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق ئېيتىشىچە، ھەمدارانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى شۇ كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى رامئاللاھ شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئىسرائىلىيە تەكشۈرۈش پونكىتى ئەتراپىدا يەھۇدى ماكانلاشقۇچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، ئەينى چاغدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىمۇ نەق مەيداندا بار ئىكەن. بىسىسونىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ھەمدارانىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى ئاختۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما پەلەستىن تەرەپ بۇنى رەت قىلغان. ئىككى سائەت تىركەشكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن.
ھەمدارا شۇ كۈنى پەلەستىن تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا يەھۇدى ماكانلاشقۇچىلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى ۋە شوپۇرلىرىنى ئاپتوموبىلدىن مەجبۇرىي چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ھەمدارانىڭ ئېيتىشىچە، يەھۇدى ماكانلاشقۇچىلىرى ئەينى چاغدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىمۇ نەق مەيداندا ئىكەن.