ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيە ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھ بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى

ۋاقتى : 2014-01-22  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئانا تۇپراق تورى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: ئاخباراتلاردا رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ تۈركىيە ئىچىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىق كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاساسلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇمدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ھەمدە بىخەتەرلىك ئاگاھ بولۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
تۈركىيە ئانتالىيا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئاخبارات ئورگىنى يېقىندا ئىگىلىشىچە، «بازا تەشكىلاتى» (ئەل قائىد تەشكىلاتى) غا قاراشلىق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ھاتاي قاتارلىق شەھەرلەرگە تېررولۇق ھۇجۇمى قىلىپ، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى ئىككىنچى قېتىملىق جەنۋە يىغىنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان.
تۈركىيە مېدىيەلىرى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 20 ئەزاسىنى قولغا ئالغان ھەمدە يۇقىرىقى شەھەرلەردە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يىغىن ئاچىدىغان ۋە تۇرىدىغان مېھمانخانىلار تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ نۇقتىلىق نىشانى ئىكەن.
 
مەنبەسى شىنخۇا تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا