ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

پاكىستان شىئە تاۋاپچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 28 ئادەم ئۆلدى

ۋاقتى : 2014-01-22  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئانا تۇپراق تورى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: پاكىستان مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ماستۇڭ رايونىدا 1-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە شىئە مۇسۇلمانلىرى تاۋاپچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى 28 گە يەتتى، 45 ئادەم يارىدار بولدى.

يەرلىك ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇچىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن، تاۋاپچىلار ئولتۇرغان 3 ماشىنا ئەترىتىدىن تەركىب تاپقان ماشىنا ئەترىتى ماستۇڭ رايونىدىن ئۆتكەندە، بومبا قاچىلانغان ماشىنىنى ھەيدىگەن كىشى ماشىنا ئەترىتىگە ئۆزىنى ئۈسكەن، بىر ماشىنا پارتلاشتا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا تېزلىكتە باردى ھەمدە يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. قىسمەن يارىدارلارنىڭ جاراھىتى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۆلگەن ئادەم سانى يەنە ئېشىشى مۇمكىن.

ھېچقانداق تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

 

مەنبە: شىنخۇا تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا