ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئافغانىستان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىچىدە سايلامنى كۈتۈۋالىدۇ

ۋاقتى : 2014-01-23  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

c29cdd895f12da17e4f4b39f9a9347cf.jpg

يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «خىرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى» نىڭ 21- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىبانلار يېقىندا قوزغىغان ئىككى قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇم ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامغا قارىتا ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بولۇپمۇ ئافغانىستاننىڭ چەت، يىراق جايلىرىدىكى بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ.

02985676a5fc024d1bcef7c0595ce60c.jpg

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 1- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئامېرىكىلىق بىر ئەسكەر ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھەربىي بازىدا تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان. 1- ئاينىڭ 17- كۈنى، كابۇل مېھمانسارىيىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا 21 ئادەم قازا قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئافغانىستاننىڭ پرېزىدېنتى سايلىمى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى باشلىنىدىكەن.
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا جەمئىي 6845 بېلەت تاشلاش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6431 بېلەت تاشلاش نۇقتىسى 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىدا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇلار ئومۇمىي ساننىڭ %95 تىنى ئىگىلەيدىكەن. بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى نۆۋەتلىك سايلامغا سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ، ئەمما تېررورلۇق ھۇجۇمى كىشىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسىگە قارىتا گۇمانغا سېلىپ قويىدۇ.

4b2b668e3fe4eebd88c5c8bc4f052f23.jpg

ئافغانىستان ئادىل سايلام فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامغا قارىتا چىقارغان بىخەتەرلىك دوكلاتى ئەمەلىيەتتە بىر سىياسىي دوكلات بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. بىر قىسىم سايلام ئانالىزچىلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2009- يىلىدىكى سايلامدىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن، ياخشىلىنىش بولۇپ باقمىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئايال پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان قوراللىقلىرى بىر قىسىم رايوننى كونترول قىلىۋالغان، ئۇ پەقەت ئۆلكە مەركىزىدىلا ئېچىۋېتىلگەن بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىنى كۆرگەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن، ئەمما بۇ رايونلار كونترول قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلالايمىز دېيىشى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇلار سايلامغا تىرىشىپ تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كىشىلەرگە بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر دەيدىغان خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلمەيدىكەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام پىلانىنى تۈزمەكتىن باشقا تاللىشى يوق ئىكەن. سايلام بىخەتەرلىكى مۆلچەرىگە ئائىت مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 4- ئايدا، ئالتە شەھەردىكى بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىدا بىخەتەر ھالدا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا