ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

قازاقىستان پرېزىدېنتى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى

ۋاقتى : 2014-02-07  مەنبەسى : خەلقئارا لىنىيە تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

178857563.jpg

178857563.jpg

خەلقئارا لىنىيە خەۋەر تورىنىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى، بۇ يەرلىك جامائەت پىكىرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى غەربىي قىسىمدىكى ئاتۇرا شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يەرلىك ئاممىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشكەندە دۆلەت نامىنى ھازىرقى قازاقىستاندىن «قازاق ئېلى» غا ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نەزەربايېۋ سۆز قىلىپ:«نۆۋەتتە، بىزنىڭ دۆلىتىمىز باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش، دۆلەت نامىنىڭ ئاخىرى 'ئىستان' بىلەن ئاخىرلاشقان. لېكىن 2 مىليون نوپۇسى بار موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەت نامى 'ئىستان' قوشۇمچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چەتئەللىكلەر ئەكسىچە موڭغۇلىيەگە تېخىمۇ قاتتىق قىزىقىدۇ. شۇڭا، بىزمۇ دۆلەت نامىنى 'قازاق ئېلى' گە ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك» دېدى.

بۇ تەكلىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قارىتا، نەزەربايېۋ:«بىز چوقۇم ئالدى بىلەن خەلق بىلەن تولۇق مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك» دېدى. نەزەربايېۋ بىرلا ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى قازاقىستاننىڭ ئۈستۈنلىكى ئىكەنلىكىنى، پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئاساسىدا دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قازاقسىتان پرېزىدېنتىنىڭ دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبى «قازاق ئېلى» دېگەن نام «قازاقلارنىڭ دۆلىتى» دېگەن مەنىدە. قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ تەكلىپى نۆۋەتتە جامائەت پىكىرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ ئاتۇرا شەھىردىكى ئامما پرېزىدېنتنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى.

 

مەنبە: خەلقئارا لىنىيە خەۋەر تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا