سەھەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): تۈركىيە ئىستانبۇلدا نەچچە يۈز نامايىشچى كوچىغا چىقىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنتىرنېتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن يېڭى قانۇننىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتتى. بىر قىسىم نامايىشچىلار ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانىنى قامال قىلىپ تۇرۇاۋاتقان ساقچىلارغا ساليوت ۋە تاش ئاتتى.
تۈركىيە پرېزىدېنتى تەستىقلىغان يېڭى قانۇن يەرلىك دائىرىلەر ئەدلىيەنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، زىيانلىق ياكى شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرز قىلغان تور بەتلەرنى قامال قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
تۈركىيە پارلامېنتى بۇ قانۇننى ئالدىنقى ھەپتە تەستىقلىدى.
تەنقىد قىلغۇچىلار تۈركىيە ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارىتىلغان بەس-مۇنازىرىلەرنى توسماقچى دەپ قارىدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى قانۇن پەقەت قۇتراتقۇلۇق ۋە ئۆچمەنلىك بولغان سۆزلەرنى چەكلەپ، تۈركىيەنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ، دېدى.
تۈركىيە باش باقانى ئەردوغان يېڭى قانۇننىڭ تورنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئۇ بۇ ئەكسىتە تۈركىيە تورچىلىقىنى تېخىمۇ ئەركىن ۋە تېخىمۇ بىخەتەر قىلىدۇ دېدى.