ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئوسمانىيلار دەۋرىدىكى جاللاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەمسىز؟

ۋاقتى : 2014-03-05  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

 

تۈركىيە خەۋەرلەر تورى خەۋىرى: ھەربىر جەمئىيەتتە جاللاتلار كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىدىغان، كىملەرنىڭدۇر لەنىتىگە ئۇچرىغان كىشىلەردۇر. ئوسمانىيلار دەۋرىدە جاللاتلار ھايات ۋاقتىدىلا ئەمەس، ھەتتاكى ئۆلگەندىمۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ، مازارلىرىنىمۇ ئايرىۋىتىدىغان كىشىلەر بولۇپ قالغان.

 ئەيۈپ مازارلىقىدىكى بۇ باش تەرىپى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدىكى تاشلاردىن تۈزۈلگەن بۇ مازارلىق دۇنيادىكى بىردىنبىر جاللاتلار مازارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نەچچە يۈزلىگەن جاللاتنىڭ قەبرىسىدىن شەكىللەنگەن بۇ مازارلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يوقاپ كەتكەن. كۈنىمىزدە پەقەت 8-9 دانىسىلا قالدى. جاللاتلار مازارلىقىنىڭ ئورنىنى ھازىر باشقا قۇرۇلۇشلار ۋە ياكى باشقا ئىنسانلارنىڭ مازارلىرى ئىگەللەپ بارماقتا.

ئۇنداقتا ئوسمانلىيلاردا جاللاتلار قانداق تاللىناتتى؟ تۆۋەندىكىسى ياشار كارادۇماننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن يىغىنچاقلاپ چىقىلغان ئوسمانىيلار دەۋرىدىكى جاللاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار.

ئوسمانلىيدا ئادەم ئېسىش، بوغۇش ۋە كاللا كېسىش بىر جازا شەكلى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوردىدا ھەر ۋاقىت جاللاتلار ھازىر تۇراتتى. بىر تۈركۈم جاللات پادىشاھ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە بۇيرۇق كۈتۈپ تۇراتتى.

ئوردىدا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى ئوردا باغچىسىدىكى بىر بۇلاقنىڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن جاللاتلار قانلىق پالتىلىرىنى ۋە قوللىرىنى بۇ بۇلاقتا يۇياتتى.

     بۇ بۇلاقنىڭ يەنە جاللات بۇلىقى ، سىياسەت بۇلىقى دېگەندەك ناملىرىمۇ بار ئىدى. جاللاتلارنىڭ تۇرالغۇسى بولسا بۇلاقنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.

ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ ۋە شاھزادىلىرىنىڭ قېنى تۆكۈلمەيدىغان بولۇپ، ياي، ئارغامچا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلىدىغان. بۇ خىل ئۆلتۈرۈش شەكلى تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئېتىقادى بولغان شامانىزىمدىن قالغان.

 ئىستانبۇلدىن يىراق بولغان ۋىلايەتلەردە بولسا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە كېسىلگەن كاللىنىڭ خالتىغا سېلىپ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنىدىغان.
       بۇ كېسىلگەن كاللىلار بەزىدە خەلققە كۆرسىتىپ ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن ئوردىنىڭ تۇنجى كىرىش ئىشىكىگە ئېسىلاتتى. ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ جەسىتى ۋە يېنىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى، پۇللىرى ۋە كىيىملىرى جاللاتلارغا تەۋە بولاتتى. جاللاتلار جەسەتنى خالىسا تاشلىۋىتەتتى، خالىسا ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سېتىپ بېرەتتى.

   ئوسمانلىدا جاللاتلار گاس-گاچىلارنىڭ ئارىسىدىن تاللىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولىشى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا