ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن شىمالىي كورىيەدىن قاچىدىغانلار ئازلىدى

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 25-دېكابىر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە بىرلىك مىنىستىرلىكىنىڭ 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىغا كىرىپ جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغداش ئوبيېكتىغا ئايلانغان پاناھلانغۇچىلارنىڭ (شىمالىي كورىيەدىن قېچىپ چىققانلارنى كۆرسىتىدۇ) سانى 1420 ئادەمگە يەتكەن. بىرلىك مىنىستىرلىكى مۆلچەرلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاناھلانغۇچىلارغا نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقان ھەمدە پات ئارىدا قوغداش ئوبيېكتىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغانلارنى قوشقاندا، 2013-يىلى جەنۇبىي كورىيەدە پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 1500 ئادەم ئەتراپىدا ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىدىن كىرگەن شىمالىي كورىيە قاچقۇنلىرىنىڭ سانى 26100 ئادەم ئىكەن. قاچقۇنلارنىڭ سانى كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن كېمەيگەن.
2006-يىلى جەنۇبىي كورىيەگە كىرگەن شىمالىي كورىيە قاچقۇنلىرىنىڭ سانى تۇنجى قېتىم 2000 ئادەمدىن ئاشقان. 2007 –يىلى 2548 ئادەم، 2008-يىلى 2805 ئادەم، 2009-يىلى 2929 ئادەم، 2010-يىلى 2402 ئادەم، 2011-يىلى 2706 ئادەمگە يەتكەن. لېكىن كىم جۇڭ ئىل ئالەمدىن ئۆتۈپ، كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، 2012-يىلى جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىغا كىرگەن قاچقۇنلار سانى تۇيۇقسىز ئازلاپ 1502 ئادەمگە چۈشكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە دائىرلىرى شىمالىي كورىيەدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن ھەمدە شىمالىي كورىيەدىن قاچقانلارنى شىمالىي كورىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرغان.
2013-يىلى 1-ئايدا، شىمالىي كورىيەدىن قېچىپ كەتكەن بىر ئەر-ئايال شىمالىي كورىيەگە قايتىپ كېلىپ، ئاشكارا مۇخبىرلار يىغىنىدا تەپتارتماي جەنۇبىي كورىيەنى ئەيىبلىگەن. 2013-يىلىدىن باشلاپ شىمالىي كورىيەدە مۇشۇ خىلدىكى مۇخبىرلار يىغىنى 5 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرى ئاشكارىلىغان شىمالىي كورىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى 13 ئادەمگە يەتكەن. ئېيتىلىشىچە شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرى ئاشكارىلىغاندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن قاچقۇنلار شىمالىي كورىيەگە قايتىپ كەلگەن.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان جەنۇبىي كورىيەگە قاچقانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. بۇ خىل ۋەزىيەت قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنە ئىزچىل داۋاملىشىدۇ.

تەرجىمىدە: ئاينۇر
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا