ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيەنىڭ ئىككى مىنىستىرى خىيانەتچىلىك سەتچىلىكى سەۋەبلىك ئىستېپا بەردى

ۋاقتى : 2013-12-25  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 25-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ خىيانەتچىلىك سەتچىلىكىگە پېتىپ قالغان ئىككى مىنىستىرى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئەممەر گۈلەر ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى زەفەر چاغلايان ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
تۈركىيە ساقچىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىيانەتچىلىك ۋە پارا بېرىش قىلمىشىنى تازىلاۋاتقان بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئەممەر گۈلەرنىڭ ئوغلى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى زەفەر چاغلاياننىڭ ئوغلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئادەمنى قولغا ئالغان ئىدى.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى «مەينەت تۇزاق» دەپ ئاتىغان. ئەردوغاننىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بولۇپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ يازدىكى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيە سىياسىي تەھلىلچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئىسلام تەرەپدارلىرىدىن بولغان گۈلەن ھەرىكىتى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت        

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا