
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 25-دېكابىر خەۋىرى: جېڭجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چۇ جيەن (褚健) ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەن شياۋيۈدىن (安小予) كېين تەكشۈرۈلگەن يەنە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو ياشلار گېزىتى خەۋەر قىلىشىچە، چۇ جيەن 2005-يىلى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپسىىنى ئۆتىگەن، مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ كادىلار ئشىلىرى، دەم ئېلىش ۋە پېنسىيىگە چىقىش ئىشلىرى، مەكتەپ كارخانا خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كادىرلار بۆلۈمى، ئارقا سەپ كوللېكتىپى ھەمدە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى يۇەنجېڭ پاي چېكىنى كونتىرول قىلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە پەن-تېخنىكا رايونى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى بۆلۈپ باشقۇرغان.
چۇ جيەن ئىلىم-پەن ۋە كارخانا مەشغۇلات ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاكادېمىك سايلىمىغا كىرگەن، بىراق ئۇ قۇرۇشقا قاتناشقا ھەمدە لېدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جېجياڭ جۇڭكۇڭ پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتىدە دېرىكتور بولغاندىمۇ سانائەت، مەكتەپ، تەتقىقات ئورگانلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قارالغان.
ئەھۋالنى بىلىدىغان زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، چۇ جيەننىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈلىشى كۆپ يىل ئىلگىرىكى جۇڭكۇڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەينا مەبلىغىنى يۆتكەش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەن.
جېجياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىسمىسى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرغا تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن چۇجيەننىڭ تەپتىش تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق نۆۋەتتە دېلو تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولغاچقا ، تەپسىلىي دېلو ئەھۋالىنى ئاشكارىلانمىغان.
تەرجىمىدە: ئاينۇر