ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

قەشقەر ئوغلانلىرى «كىم توپ شاھى» مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

ۋاقتى : 2015-02-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەمىتىمىن  

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى شەنبە كەچ سائەت ئالتىدە باشلانغان مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ يۈشاتەن باشلانغۇچ دېخۇا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

مۇسابىقە باشلىنىپ  قەشقەر ئوغۇل بالا توپ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق توپچىسى ئەفېردىن چاقماق تېزلىكىدە توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئاخىرلاشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىغا ئالتە توپ ئۇرىۋەتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى مۇسابىقە باشلىنىپلا شۇنداق كۈچلۈك بولدى، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە ئېنىقلام چوڭ پەرق بار ئىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىلا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق ماھىرى ئەلفېردىن ‹‹قالپاق ئويۇنى›› قويدى، 8-نومۇر مەمەتئىمىن ئىككى توپ كىرگۈزدى، 10 نومۇرلۇق ئېلشاتمۇ بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى مەيداندىلا مۇسابىقىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى ئايرىلىپ بولغانىدى.
 

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى سۇ تىيەنشى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ  كىرگۈزدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى مەمەتئىمىن بىلەن مەۋلاننىڭ توپ كىرگۈزۈشى مۇسابىقىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنى يوق قىلدى.

شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا رەقىبىنى 8-2 چوڭ نومۇر پەرقتە يېڭىپ، «كىم توپ شاھى» ئەلئىچى چېمپىيونلۇق تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بالىلار تۈرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك چېمپىيونى بولدى. يارايسىلەر ئەزىمەتلەر! خەلقىمىز سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ!
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا