تېڭشۈن تەنتەربىيەسى 6-مارت خەۋىرى: ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئىرىنا بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكى، ئىككىسىنىڭ 5 يىللىق مۇھەببىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسپانىيە مىدىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىستىيانو رونالدودىن ئۇنىڭ يېڭى سۆيگۈنى بار دەپ گۇمان قىلىنغان، قارشى تەرەپ بولسا مېكسىكىلىق گۈزەل رىياسەتچى بولۇپ، بۇ رىياسەتچىنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ خېلى ياخشى ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئايال رىياسەتچى دەپ باھالانغان.
مىدىيەلەردە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنانىڭ ئايرىلىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل گەپ-سۆزلەر بولۇندى، ئىرىنا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كىرىستىيانو رونالدونىڭ يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرۇن ئىپادىلىگەن: «مېنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىم سادىق ئەر». ئىسپانىيە مىدىيەسى بۇنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى مەسخىرە قىلغان سۆز دەپ قارىغان. كىرىستىيانو رونالدو ھەقىقەتەن ھەر ۋاقىت ئاياللارنىڭ تەسەللىي بېرىشىگە موھتاج بولىدۇ، يېقىندا مېكسىكىلىق ئايال رىياسەتچى ۋانېسسا مادرىدقا كېلىپ بىر مەيدان مۇسابىقە كۆرگەن، كېيىن خان مادرىد چولپىنى مورىنتېس بىلەن بىللە تاماق يىگەن.
گەرچە بۇ تەپسىلاتلار ھېچنىمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئىسپانىيە مىدىيەلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەمەلىيەتتە ۋانېسسانىڭ خان مادرىدقا كېلىشىدىكى مەقسىدى كىرىسىتىيانو رونالدو بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەن.
ئۇنداقتا ۋانېسسا دېگەن گۈزەل بۇ قىز زادى كىم؟ ۋانېسسا 1985-يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، مېكسىكىدا ناھايتى داڭقى چىققان. ئۇ بىر رىياسەتچى، مودېل ۋە ئارتىس، ۋانېسسانىڭ ئەڭ چوڭ كاپىتالى ئۇنىڭ قەددى-قامىتى ۋە مەڭزىدىن ئىبارەت، بۇ ھەر قانداق ئەر كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئويناتماي قالمايدۇ، ئۇنىڭ كىرىستىيانو رونالدونى غەنىيمەت دەپ بىلىشى ئادەمنى قىلچىمۇ ئويغا سالمايدۇ.
2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ۋانېسسا مېكسىكىدىكى مەلۇم بىر تېلېۋىيە ئىستانىسسىدا رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، چىرايلىق بولغاچقا ناھايتى تېزلا داڭق چىقارغان، ئۇ ھەتتا برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئايال رىياسەتچى دېگەن نامغا ئېرىشكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ ۋانېسساغا دىققەت قىلىشى نورمال ئىش.
كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئىرىنا ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئىسپانىيە مىدىيەلىرى پورتۇگالىيەلىك چولپاننىڭ يېڭى سۆيگىنى توغرىسىدا كەينى-كەينىدىن مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىدى، دەسلەپتە كىرىستىيانو رونالدونىڭ لايىقى خان مادرىد تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرى لۇسىي دەپ قارالدى، ئەمما بۇ خەۋەرنى قارشى تەرەپ قەتئىي ئىنكار قىلدى، كېيىن يەنە بەزى مىدىيەلەر كىرىستىيانو رونالدو بىلەن كوئېنتراۋنىڭ قېيىن سىڭلىسى بىللە يۈرۈۋاتىدۇ دېدى، بۇ قېتىممۇ قارشى تەرەپ ئوخشاشلا ئىنكار قىلدى، ئەمدى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ۋانېسسانىڭ خەۋىرى تارقالدى، بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ.
تەرجىمىدە: لوقمان