ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

رونالدو لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى نامزاتىغا تاللاندى

ۋاقتى : 2015-02-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150211062550503.jpg

خۇپۇ تەنتەربىيەسى 11-فېۋرال خەۋىرى: پۈتكۈل يەر شارىدىكى مىدىيەلەرنىڭ بېلەت تاشلاپ، تاللاپ چىقىشى ئارقىلىق 2015-يىللىق لاۋرېئۇس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتى (Laureus World Sports Awards) نامزاتىغا كىرگەنلەرنىڭ تىزىملىكى شاڭخەيدە ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتى نامزاتىغا 6 ئادەم كۆرسىتىلدى. يېڭى نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خان مادرىد چولپىنى كىرىستىيانو رونالدومۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
كىرىستىيانو رونالدو چويلا توپ ماھىرى دىيوكوۋىچ، F1 مۇسابىقە ئاپتوموبېل ماھىرى ھامىلتون، موتسىكلىت ماھىرى مارك ماركوز،گولف توپ ماھىرى مورىي ماركوس ، خادىغا تاينىپ سەكرەش ماھىرى رېنود لاۋېللېيىن قاتارلىقلار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتنى تالىشىدۇ. بارسېلونا توپچىسى مېسسى لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچىسىنى تاللاش دەسلەپكى تىزىملىكىگە كىرگەن، ئەمما نامزاتلىق تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى.
كىرىستىيانو رونالدو پۇتبولدىن باشقا يەنە ئەڭ ئاخىرىقى يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى نامزاتلىقىغا تاللاندى، 10-قېتىملىق ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن خان مادرىد كوماندىسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىدا دۇنيا لوڭقىسى چېمپيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسى يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر كوللىكتىپ مۇكاپاتى نامزاتىغا تاللاندى. ئۆتكەن يىلى يازدا 80 مىليون ياۋرو باھا بىلەن خان مادرىدقا ئەزا بولغان دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى جامېس رودرىگۇز بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ توپ كىرگۈزگەن گېرمانىيە توپچىسى گوتېز يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر بۆسۈش مۇكاپاتى نامزاتىغا تاللاندى. ئۇنىڭدىن باشقا راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىپ توپ مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن ئىتالىيەلىك توپچى فرانسېسكو ئاچېربى بىلەن ئارگېنتىنالىق توپچى گابرېل مىلىتو قايتىدىن مەيدانغا چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى نامزاتىغا تاللاندى.
تۆۋەندىكىسى لاۋرېئۇس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتىنىڭ ھەر قايسى تۈرلەردىكى نامزاتى:
لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتى:
دىيوكوۋىچ (چويلا توپ ماھىرى _ سېربىيە)، ھامىلتون (F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرى _ ئەنگلىيە )، رېنود لاۋېللېيىن (يىنىك ئاتلېتىكا _ فرانسىيە)، مورىي ماركوس (گولف توپ ماھىرى _ ئەنگلىيە)، مارك ماركوز (موتسىكلىت ماھىرى _ ئىسپانىيە)، كىرىستىيانو رونالدو (پۇتبول _ پورتۇگالىيە).
لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر كوللىكتىپ مۇكاپاتى:
رىيدېر لوڭقىسى ياۋروپا قىتئەسى كوماندىسى (گولف توپ)، گېرمانىيە ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى، F1 بېنز ئاپتوموبىل ئەترىتى (گېرمانىيە)، خان مادرىد پۇتبول كوماندىسى (ئىسپانىيە)، سان ئانتونىيو كوماندىسى (ئامېرىكا، ۋاسكېتبول)، شۋېتسارىيە داۋىس لوڭقىسى (چويلا توپ).
لاۋرېئۇس يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر بۆسۈش مۇكاپاتى:
مارىن سىلىچ (چويلا توپ - كرودىيە)، مارىيو گوتېز (پۇتبول - گېرمانىيە)، مارىيېل رىكاردو (موتسىكلىت - ئاۋسترالىيە)، جامېس رودرىگۇز (پۇتبول - كولۇمبىيە)، مىكائېللا شېفرىن (ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش - ئامېرىكا)، شۋېتسارىيە داۋىس لوڭقىسى چويلا توپ كوماندىسى.
لاۋرېئۇس  قايتىدىن مەيدانغا چىققان يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتى:
فرانسېسكو ئاچېربى (پۇتبول - ئىتالىيە)، بوگ (زەيتۇن توپ، جەنۇبىي ئافرىقا)، دىگو مىلىتو (پۇتبول- ئارگېنتىنا)، جوننىېي پاۋېي (يىنىك ئاتلېتىكا)، پېرىي ۋولتىر (قار تېيىلىش تاختىيى - فرانسىيە)، ئولىۋېر ۋىلسون (گولف توپ - ئەنگلىيە).
لاۋرېئۇس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتى بولسا تەنتەربىيە دۇنياسىدىكى ئالاھىدە نەتىجىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئېتراپ قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ خەلقئارا تەنتەربىيە مۇنبىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2015-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 2015-يىللىق لاۋرېئۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى شاڭخەي چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.
تەرجىمىدە: لوقمان
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا