ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: «فوربۇس» ژۇرنىلى 29- قېتىملىق دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋاسكېتبول چولپىنى مايكىل جوردان 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بايلىقى بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ تىزىملىككە كىرگەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىدە 1741- ئورۇنغا تىزىلغان. گەرچە ئۇنىڭ بايلىقى ئالدىدىكى بايلارنىڭ بايلىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى خىلىلا چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ۋاسكېتبول چولپىنىنىڭ يەنە بىر ساھەدە ئېرىشكەن غەلىبىسى ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتىنى كەلتۈرگەن.
2010- يىلى 3- ئايدا، جوردان NBA دىكى سېرىق ھەرە كوماندىسى (ئەينى چاغدىكى تاغ مۈشۈكى كوماندىسى) نىڭ %80 پايچىكىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى قىممىتى 275 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 2013- يىلىغا كەلگەندە، جورداننىڭ قولىدىكى پايچىك %89 كە يەتكەن بولۇپ، سېرىق ھەرە كوماندىسىنىڭ قىممىتى 700 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.