تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورىدىن ئەمەتجان تەرجىمىسى): 2015- يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىدا تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر خەۋەر شۇكى، 2015- يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە كەسپىدىكى ئېتىھانى مەركەزلىك ھالدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر ئىككى سىناق نوقتىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. يەنى 4- ئاينىڭ 27-30- كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە، 5- ئاينىڭ 5-8- كۈنلىرى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئېمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار چۇقۇم ئېمتىھان بېرىش كېنىشكىسى ۋە 2- ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە بەلگىلەنگەن نوقتىدا ئېمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى