مېكسىكا كوماندىسى
"قالپاق"نىڭ يوغىنىنى كىيىپ ، چوڭ قىمار "سورۇن"لىرىدا كېرىلىپ يۈرگىنى بىلەن، "قىماۋاز"لار كۆزگە ئىلمىدى. بەلكىم ئۇلار "ئىگىزلەر"گە كۆز تىكىپ، "پاكارلار"غا ئىشەنمىگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭسىزمۇ يوغان قالپاقلار ئۆزى ئىش تېرىپ، بۇ قېتىملىق تاللاشتا بىۋاستە تاللىنالماي، قوشۇمچە مۇسابىقىدە ئوكيانىيە بىلەن جان تالىشىپ يۈرگەندىكىن، كىم ئىشىنىدۇ ئۇنىڭغا؟! بىراق، "كاكتۇس"نىڭمۇ تىكىنى بار...
ئالقانسىمان كاكتۇس مېكسىكىنىڭ دۆلەت گۈلى، ئۇ ھەتتا دۆلەت بايرىقىغىمۇ چۈشۈرۈلگەن. كاكتۇسنىڭ رەڭگىگە مايىللاشتۇرۇپ جابدۇنغان 'يېشىل قوشۇن'، بوسۇغا ئاتلاپلا يەنە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ئالدىغا كېلىپ قالدى ھەم پۇختا تەييارلىق بىلەن ، شىمالدىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ 15-قېتىم جەڭگە قاتنىشىشى ھىساپلىنىدۇ، ئۇلار پەقەت بەش قېتىمىدىلا قاتناشمىغان.
ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىزى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىدە، مېكسىكا كوماندىسى ئالتە مەيدان غەلبە بىلەن 2-قەدەمنى چەپدەس ماڭغانىدى، بىراق كېيىنكى ئۆتكەلدە ئامېرىكا، گوندۇراسلىقلارغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئۆزىنى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ھەر ھالدا تەلىيى كېلىپ، بانامانى ئۇتۇش بەدىلىگە، قوشۇمچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى ساقلاپ قالدى. رەقىبى دەل ئوكيانىيە ۋەكىلى يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى. تالىشىدىغان يېرىم سان، چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مېكسىكا كوماندىسىغا تەۋە بولدى.
ئەمەلىيەتتە مېكسىكا كوماندىسىمۇ بوش ئەمەس، 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ساھىپخان بولغان ھەم سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا قېتىلىپ، گېرمانىيەگە يېڭىلىپ توختاپ قالغان. مىلۇتىنوۋىچ مېكسىكا كوماندىسىغا ماشقاۋۇل بولغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ جۇڭگو كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرگۈزگەن مەشقاۋۇلدۇر.
يېقىنقى بەش نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، مېكسىكا كوماندىسى ھەر قېتىم گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقتىيۇ، سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا قېتىلالماي كەلدى. بۇ قېتىمقى قوشنا قىتئەدە بولغان مۇسابىقىدە تەلىيى كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بەلكىم بىرازىلىيەلىك پۇتبول مەستانىلىرىمۇ قوشنىدارچىلىق يۈزىسىدىن كىرودىيەگە قارىغاندا مېكسىكا ئۈچۈن بەكراق چاۋاك چالسا كېرەك...
مېكسىكا كوماندىسى مەشقاۋۇلدىن نەچچىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مېگول خېررارانى مەشقاۋۇل قىلغان. مېگول خېررارا ئامېرىكا قىتئەسى پۇتبول كۇلۇبىنى باشلاپ، مېكسىكا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنىدى. ئۇ يەنە بىر ئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ، مېكسىكا كوماندىسىنى بىز بىلەن بۇگۈنكى بۇ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۆرۈشتۈردى. خېررارامۇ مېكسىكا كوماندىسىدا توپ تەپكەن پىشقان پۇتبولچى ھەم تىرېنېر. ئۇ پۇتبولدىن چېكىنگەندىن كېيىن مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلاپ ئاتلانتا ، مونتېررېي قاتارلىق بىرقانچە داڭلىق كۇلۇبلاردا مەشقاۋۇل بولغان.
مېكسىكىنىڭ نەشتىرى- ئاچۇنونىڭ بەدىنى كىچىك بولغان بىلەن ئادەم ئېزىقتۇرۇشقا بەك ماھىر. مۇسابىقىدە ئۇ ئىسپانىيەدە توپ تېپىپ ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولوپ كەتكەن. لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرىدە چېمپىيون بولغان -مېكسىكا ئولىمپىك كوماندىسىدىن تاللانغان بۇ يىگىتنىڭ كارامىتىنى كۆرىمىز تېخى . ئۇ مېكسىكا كوماندىسىنىڭ ئوڭ ياندىن بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم قورالى بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىسى بولغان رافال مارچۇز ھازىرقى مېكسىكا كوماندىسىنىڭ باشلىقى. مىيونخېن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى خەۋېر خېرنەندىز دەل مېكسىكا كوماندىسىنى ئەڭ ئەتىبارلىق ماھىرى، بىراق ئۇ تاللاش مۇسابىقىسىدە دېگەندەك ياخشى ئويناپ كېتەلمىدى.
مېكسىكا كوماندىسىنىڭ تاكتىكىسىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش يوق. بۇلار يەنىلا تېز سۈرئەتتە پاسلىشىپ ئويناشنى ئادەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ يەنە چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدىكى جازا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى بار. مېكسىكا گۇرۇپپىدىن چىقىمەن دەيدىكەن، بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرغان تەقدىردىمۇ ،تۇنجى ئايلانمىدىكى "ئەركەك شىر" كامېرون بىلەن بولغان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشى ھەمدە ئاخىرقى ئايلانمىدا كىرودىيە كوماندىسىدىن چوقۇم ئۈستۈن كېلىشى كېرەك. چوڭ قىمار شىركەتلىرىغۇ دونى كىرودىيەگە تىكىپتۇ، بىراق مېكسىكىنىڭ "قوشنا قورا" بولۇشتەك يېرىم ساھىپخانلىقى؛ ئۇزۇن يىللىق تەجىربىسى؛ كۈچلۈكلەر قاتارىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىش ئىستىكى مېكسىكىنى گۇرۇپپىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كاكتۇسنى تىكىنى بار، ئا گۇرۇپپىدا كىمىكى ئۈزۈپ چىقىمەن دەيدىكەن، ئالدى بىلەن كاكتۇسقا تاقابىل تۇرالىشى كېرەك...
كامېرون كوماندىسى
ئافرىقىمۇ پۇتبولدا كۈچلۈك قىتئەلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. گەرچە ئافرىقىدىن بىرەر دۆلەت دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ،ئەمما دۇنياغا مەشھۇر پۇتبول چولپانلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن جايدۇر.ئافرىقا پۇتبول لوڭقىسىغا كۆپ قېتىم ئېرىشىپ، >ئەركەك شىر< سانىلىپ كەلگەن كامېرون كوماندىسى، ئۆتكەن نۆۋەت ئۆز قىتئەسىدە ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، بىر مەيدانمۇ غەلىبە قىلماي شاللىنىپ كەتكەن ئىدى.بۇ قېتىم يەنە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
دۇنياۋى چولپان ئېتىئونىڭ رەھبەرلىكىدە، كامېرون كوماندىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ناھايىتى تەس قەدەملەرنى بېسىپ، ئاران دېگەندە 7-قېتىم دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىگە (1982، 1990، 1994، 1998، 2002، 2010 ۋە 2014-يىللىرى) ئېرىشىپ، ئافرىقا قىتئەسى بويىچە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا ئەڭ كۆپ قاتناشقان كوماندا بولۇپ قالدى. بۇ كوماندا تېخى 1990-يىلى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغىمۇ كىرگەن .
ئەسلىدە كامېرون كوماندىسىغا ئاكىنو باش مەشقاۋۇل ئىدى، ئۇ 2000-يىلى كومېرون دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتۈرگەن، بىراق سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئۆتكەن يىل كامېرون كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى گېرمانىيەلىك فىنىك بولۇپ ئالماشقان.
بۇ كوماندىنىڭ يادرولۇق ماھىرى شۈبھىسىزكى چېرشى كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان ئېتىئو. گەرچە بۇ 1998-يىلدىن بۇيان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم ماھىر 33 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يېشىل مەيداندىكى سىماسىنى تېخى يۈتتۈرگىنى يوق. بىراق ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئېتىئو بىلەن باش مەشقاۋۇلنىڭ ھەمدە بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپى بار بولۇپ،ئەسلىدىلا ئاجىزلاشقان بۇ كوماندا كىشىلەرنى تېخىمۇ ئۈمۈتسىزلەندۈردى.
كامېرون كوماندىسىنىڭ تاكتىكىسى تۆت مۇداپىيەچى، تۆت ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى، ئىككى ھۇجۇمچى بولۇشتەك سەپ تۈزۈلمىسى بولۇپ، تېز سۈرئەتتە پاسلىشىپ،توپنى كونترول قىلىشنى مەقسەد قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتمۇ گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقالماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدا شاللانغۇچىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتا بۇلار ئۇچىرەتنىڭ بېشىغا ئۆتەلەيدۇ.