ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

نىتانىياخۇ ئۈچ نەپەر يەھۇدىي ياشنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى

ۋاقتى : 2014-06-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا

شىنخۇا تورى ئېروسالىم 14-ئىيۇن تېلگىراممىسى ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 14-ئىيۇن كەچتە ئېلان قىلغان بىر پارچە ئاشكارە باياناتىدا، مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە يوقاپ كەتكەن ئۈچ نەپەر يەھۇدىي ياشنىڭ تېرورچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
نىتانىياخۇ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىدا ئالا قويماي ئاقتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يوقاپ كەتكەن بۇ بىرقانچە ياشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەپ، غەززە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا رايونلارغا يۆتكىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق ئىشلارغا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيىتتى. نىتانىياخۇ، تېخى يېقىندىلا قۇرۇلغان پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە، پەلەستىن تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىزدەش ھەركىتىگە ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
پەلەستىن تەرەپ 13-ئىيۇن كەچتە، ئۈچ نەپەر ياش يوقاپ كەتكەن Cرايوننىڭ پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ كونتوروللىقىدىكى يەھۇدىيلار ئولتۇراق نوقتىسى رايونى ئىكەنلىكىنى، پەلەستىن تەرەپنىڭ بۇ رايوندىكى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يوقاپ كەتكەن ئۈچ نەپەر ياش ئەڭ ئاخىرقى قېتىم شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيۇن كەچ سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، ئېروسالىمنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى گوشئاچۋېن ئولتۇراق نوقتىسى ئەتراپىدا ماشىنا توسۇپ ئۆيىگە قايىتماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى 16 ياشتا بىرسى 19 ياشتا بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان يەھۇدىي ئەرلەر دىنىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ باياناتچىسى روسېنفېلد مۇنداق دېگەن: «ئۈچ ياشنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىغا ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى ئۇردى، لېكىن، تېلېفون ناھايىتى تېزلا ئۈزۈلۈپ قالدى. بىز مۇشۇ نوقتىغا ئاساسەن ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىنغان دەپ ھۆكۈم قىلدۇق.» ئېروسالىم پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يوقاپ كەتكەن ئۈچ نەپەر ياشنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەندە ئامېرىكا پاسپورتى بار بولغانلىقتىن، ئىسرائىلىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا