شىنخۇا تورى 15-ئىيۇن باغداد تېلگىراممىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈزلۈكسىز كەسكىن توقۇنۇشقان.
ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ باياناتچىسى ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن 24 سائەت ئىچىدە 279 نەپەر ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 14 ھەربىي ماشىنىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
پايتەخىت باغدادنىڭ مەركىزىدە شۇ كۈنى پارتىلىتىپ زەربە بېرىپ ھۇجۇمى يۈز بېرىپ توققۇز ئادەم قازا قىلىپ، 21 ئادەم يارلانغان. ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىراق بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشقان. ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ئۇنسۇرلار 10- ئىيۇن ۋە 11-ئىيۇن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر تىكرىت ۋە موسۇلنى ئىگەللىۋالغان، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقان.
