ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  تەنتەربىيە

شۋىتسارىيە كوماندىسى بىلەن ئېكۋاتوركوماندىسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

ۋاقتى : 2014-06-16  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

W020140612275247205803.jpg

شۋىتسارىيە كوماندىسى

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ماكانسىز ھالەتتە كارۋان تارتىپ سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سىگانلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىنى ھەممىگە ئايان. ئۇلار يېقىنقى بەش-ئون يىل مابەينىدە تەڭداشسىز كۈچگە ئىگە بولۇپ، قوشۇن تارتىپ كەلگەن ھەرقانداق كۈچلەرنى مەغلۇب قىلغانىدى. ئويلىمىغان يەردىن سائەتچىلەرنىڭ ئەۋلادىدىن تەشكىللەنگەن كىرېست بەلگىلىك ئارمىيە ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، ھاكىمىيەتنىڭ مۇتلەق بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

سائىتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان شىۋېتسارىيە، بۇ قېتىملىق بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە 10-قېتىم قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداق دىيشكە بولىدۇكى، بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىشتىمۇ ھىشقانداق بەس مۇنازىرىسىز ھالەتتە، ھەممىنى قايىل قىلدى. بۇنىڭسىزمۇ ئۇلار تۆت يىل بۇرۇنقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، گەرچە گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقالمىسىمۇ، ئەمما چېمپىيون بولغان ئىسپانىيە كوماندىسىغا بىردىن بىر توپ كىرگۈزگەن ھەم مەغلۇپ قىلغان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان.

ئەمەلىيەتتە شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۇرۇپ كەلسەك ئۇنچىلىكمۇ قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. ئۇلار ئالدىنقى توققۇز نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى ئۈچ قېتىم سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتۇر، ئەمما بۇمۇ 60 يىل بۇرۇنقى ئىشلار. يېقىنقى زامان تارىخىدا 1994-يىلى ۋە 2006-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىنلا ئورۇن ئالالىدى خالاس. ياۋروپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە بولسا تېخىمۇ تىلغا ئالغۇدەك نەتىجىسى يوق. ئۇلار ئاران ئۈچ قېتىم قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھەممىسىدە گۈرۈپىدىن چىقالمايلا يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىم ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا قىتئەسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىسلاندىيە، سلوۋېنىيە، نورۋىگىيە، ئالبانىيە، سېپروس كوماندىلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ،10 مەيدان مۇسابىقىدە 17 توپ كىرگۈزۈپ، ئالتە توپ كەتكۈزگەن. يەتتە مەيدان ئۇتۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىسى بىلەن، بىر ئايلانما بۇرۇنلا 32 كۈچلۈك قاتارىغا قوشۇلغان ھەمدە ئۇرۇق كوماندا بولۇپ قالغان.

بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن گېرمانىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل خىزفېلد ئەسلىدىمۇ پۇتبولچى. ئۇ غەربىي گېرمانىيەنىڭ ئولىمپىك كوماندىسىدا ھۇجۇمچى بولغان. 1971-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە سىتۇگارت كۇلۇبى قاتارلىقلىق كۇلۇبلاردا توپ تېپىپ سەپتىن چېكىنگەن. ئۇ تەنھەرىكەتچىلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا شىۋىتسارىيەگە بېرىپ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدا دورتموند، بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق نۇرغۇن كۇلۇبلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى كوماندىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن ۋە كۆپ قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. خىزفېلد 2008-يىلدىن باشلاپلا شىۋىتسارىيە كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن شىۋىتسارىيە كوماندىسىنىڭ سەۋىيىسى ئىزچىل ئۆسۈشكە باشلىغان بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپتىمۇ ئىزچىل ئېشىش ھاسىل قىلغان.ئۇدا ئىككى نۆۋەت بۇ كوماندىنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرگەن، بۇ قېتىم ھاتتا ئۇرۇق كوماندا سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ كوماندا ئۆتكەن نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى جېڭىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالغان. بىراق كېيىنكى مۇسابىقىلەردە، چىلى كوماندىسىغا 0:1 ئۇتتۇرۇپ، گوندۇراس كوماندىسى بىلەن 0:0 تەڭلىشىپ قېلىپ گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكەن. ئىگىلىنىشچە، خىزفېلد بۇ قېتىملىق توختام ۋاقتى توشسا رەسمىي پېنسىيەگە چىقىدىكەن.

شالكې 04 كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللۈگىچىسى بارنېتتا؛ ۋالېنسىيا كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىسى سېندېروس؛ ناپلىس كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللۈگىچىسى ئىنلېر؛ ۋولفىسبۇرگ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى بىناگلو قاتارلىقلار نۆۋەتتە پىشقان ماھىرلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇندىن باشقا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى شاچىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش ماھىرلار شىۋېتسارىيە كوماندىسىغا قوشۇلۇپ، بۇ كوماندىنى تېخىمۇ ياشلاشتۇردى. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بۇ كوماندىنىڭ مۇداپىيە سېپى ۋە ئوتتۇرا مەيدان كۈچىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز، ئەمما ھۇجۇم سېپىدە ئالاھىدە كۈچلۈك ماھىرلار كەمچىلراق.

مەشقاۋۇل خىزفېلد تۆت مۇداپىيەچى، ئىككى ياندىن ھۇجۇم قوزغۇغۇچى، ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى ۋە بىر ھۇجۇمچى سەپ تۈزۈلمىسىگە ماھىر بولۇپ، شىۋېتسارىيە كوماندىسىنىمۇ ئاساسەن مۇشۇ خىل سەپ تۈزۈلمىسى بىلەن ماسلاشتۇرغان.شىۋېتسارىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەت ئې گۇرۇپپىنىڭ ئۇرۇق كوماندىسى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدا يەنە فىرانسىيە، ئېكۋادور، گوندۇراس كوماندىلىرى بار. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بۇ گۇرۇپپىدا بەكمۇ كۈچلۈك كوماندىلار يوق. شۇنداق بولغانىكەن داڭلىق مەشقاۋۇل خىزفېلدنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويغان بۇ ماھىرلار چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىشى مۇمكىن. گۇرۇپپىدىكى ئېكۋادور ۋە گوندۇراس كوماندىلىرى بىر قەدەر ئاجىز، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ بىر قەدەر قېرىپ ھالىدىن كەتتى. بۇ شىۋېتسارىيە كوماندىسى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى.
 

 

ئېكۋاتور كوماندىسى

W020140612290380343822.jpg

ئىگىزلىككە كۆنگەن قاپلان بالىسىنىڭ چىملىق مەيداندا ئوۋ ئوۋلىمىقى بىر قەدەر تەسكە چۈشىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىردى. بۇ يېشىل تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈپ-كۈندۈزدە قاپلان ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن سېزىلىپ قېلىپ، بەزىدە ئۆزى ئوۋ ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىراق، قاپلان دېگەن ھامىنى قاپلان. ئۇ نىشانىنى بېكىتكەنىكەن، قۇربانلىق بېرىشكە رازىكى ھەرگىز نىيىتىدىن يانمايدۇ.

جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىگىزلىككە جايلاشقان ئېكۋاتور دۆلىتى تارىختىن بۇيان، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈزۈك نەتىجە يارىتىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تىلىكىمۇ پەقەت 21-ئەسىردىن كېيىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئېكۋادور كوماندىسى بۇ قېتىملىق بىلەن 3-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، 2002-يىلى تۇنجى قېتىم بۇ سەھنىگە چىققان. بىراق، ئىتالىيە ۋە مېكسىكا كوماندىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرقى مەيداندا كىرودىيە كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكەن. 2006-يىلى ئېكۋادور كوماندىسى يەنە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پولشا ۋە كوستارىكا كوماندىلىرىنى ئۇتۇپ، گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان. نەتىجىدە گۇرۇپپىدا 2-بولۇپ 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بىراق ئىگىزلىكتىكى قاپلان بالىسىنىڭ تەنتەنىسى ئۇزۇنغا بارماي، شىر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. يەنى ئېنگلاند كوماندىسى بېكھامنىڭ ئەپچىل تەپكەن جازا توپى بىلەن نەتىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئېكۋادور كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن. بۇ قېتىملىق جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تاللاش مۇسابىقىسىدە، يەتتە مەيدان ئۇتۇش؛ تۆت مەيدان تەڭلىشىش ۋە بەش مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن ئارگېنتىنا، كولومبىيە ۋە چىلى كوماندىسىنىڭ كەينىگە تىزىلىپ، بىۋاستە تاللانغان.

گەرچە ئېكۋادور كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئېكۋادورمۇ ئوخشاشلا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ماكانى. بۇ يەردە پۇتبول سۆيەر خەلقنىڭ كۆپلىكىدىن، ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ يەردە ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن ھەم مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملانغان. ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۈرلۈك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىلىرى ھەتتا 1995-يىللىق دۇنيا 17 ياشلىقلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ بۇ دۆلەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن.

كولومبىيەلىك رۇئېدا كولومبىيەنىڭ ياشلار كوماندىسىنى، ئولىمپىك كوماندىسىنى ۋە دۆلەت كوماندىسىنى تۇتۇش بىلەن ماشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ، كولومبىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن گوندۇراس دۆلەت كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولۇپ، بۇ كوماندىنى2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە 28 يىلدىن كېيىن قايتا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇ گوندۇراس دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلاپلا ئېكۋادور دۆلەت كوماندىسىنى قولىغا ئېلىپ، ئېكۋادور كوماندىسىنىمۇ يەنە بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشتۈردى. بىراق، ئۇنىڭ مېھمان سۈپىتىدە ئوينىغان مۇسابىقىدىكى زىيادە بېكىنمىلىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئەيىپلىشىگىمۇ ئۇچراپ تۇرماقتا.

ئېكۋادور كوماندىسىدا پۇتبول چولپانلىرى بەك كۆپ ئەمەس، ئاساسلىقى كوللىكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ. مانچېستىر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىدا ياندىن ھۇجۇم قوزغاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ۋالۇنسىيا ئېكۋادور كوماندىسىنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپىنى ھىساپلىنىدۇ. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى بېتىس كۇلۇبىدا توپ تېپىدىغان مونتېرومۇ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللۈگۈچى بولۇپ، غوللۇق ماھىرلارنىڭ بىرى. موسكىۋادا توپ تېپىدىغان سەيسېدو ئېكۋادور كوماندىسىنىڭ ئاڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى. بۇلاردىن سىرت يەنە بارسېلونا كۇلۇبىدا ۋە بىرازىلىيە پۇتبول بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان مۇداپىيەچىلەرمۇ مەۋجۈت.

ئېكۋادور كوماندىسىمۇ ئاساسلىقى تۆت مۇداپىيەچى، تۆت ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى، ئىككى ھۇجۇمچىدىن تەركىپ تاپقان سەپ تۈزۈلمىسىنى قوللىنىدۇ. بۇلارنىڭ ياندىن بۆسۈپ كىرىپ كاللا توپ چىقىرىش ۋە پاسنى دەل جايىغا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى. گەرچە بۇ كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدە سەل ئاجىزلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا كوماندىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئالاھىدە دەپ كەتكۈدەك ئەمەس. شۇڭا ئېكۋادور كوماندىسى ئالاھىدە ئېچىلىپ ئوينىيالىسا گۇرۇپپىدىن چىقىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ھۇشيار بولىشى ۋە بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا