2014-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:00 (برازىلىيە ۋاقتى 15-ئىيۇن كەچ سائەت 7:00) دە، 2014- يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى F گۇرۇپپا تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسى برازىلىيەنىڭ رىئودى ژانىيرودىكى ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئارگېنتىنا بىلەن بوسىنىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينالدى.
مۇسابىقىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسى:
ئارگېنتىنا 1986-يىلدىكى رىۋايەتنى قايتا يارىتالامدۇ: 1986-يىللىق مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا مارادونانىڭ يىتەكچىلىكىدە دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 28 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسى برازىلىيەگە كەلدى، برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارگېنتىنا يېرىم ساھىبخان كوماندا دىيىشكە بولىدۇ. بۇ 28- يىلدىن كېيىن قايتا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.
مېسسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزەلەمدۇ: 2006- يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا 6-0 نەتىجە بىلەن سېربىيە قاراتاغنى مەغلۇپ قىلغاندا، 19 ياشلىق مېسسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن. ئۇندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا توپ كىرگۈزۈش قەدىمى توختاپ قالغان، ئىزچىل توپ كىرگۈزەلمەي كەلگەن. سەككىز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزەلەمدۇ.
مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى:
بوسىنىيە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى.
مېسسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككىنچى توپىنى سەككىز يىلدىن كېيىن كىرگۈزدى.
ئىبسىۋىچ مەيدانغا ئالمىشىپ چىقىپ بوسىنىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپ كىرگۈزگەن توپچىسىغا ئايلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 130- سىكۇنىت بولغاندا، مېسسى سول تەرەپتىن ئىختىيارى توپ باشلىدى، كولاسىناچ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز ۋارتارىغا توپ كىرگۈزدى. ئارگېنتىنا ۋاقتىنچە 1-0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئارگېنتىنا 1-0 بوسىنىيە نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
بۇ توپ برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ تېز كىرگەن توپقا ھەم دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن خائىن توپقا ئايلاندى. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە پاراگۋاي كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئېنگىلاند بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، مۇسابىقە باشلىنىپ 3- مىنۇتتا ئۆزىگە خائىن توپ ئۇرغان. 1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇتزوف 7-مىنۇتتا خائىن توپ ئۇرغان، 1954- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا خوۋارت 9-مىنۇتتا خائىن توپ ئۇرغان. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا پۇيۇل 10-مىنۇتتا ئۆزىگە خائىن توپ ئۇرغان. ھازىرغىچە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئاللىقاچان ئۈچ خائىن توپ كىرىپ بولدى. 2010- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاران ئىككى خائىن توپ كىرگەن.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 65-مىنۇتتا مېسسى بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى. بۇ توپ مېسسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى سەككىز يىلدىن كىيىنكى كىرگۈزگەن ئىككىنچى توپى بولدى.
84-مىنۇتتا لۇلىچ ئىتىرىپ بەردى، ئىبسىۋىچ چەكلەنگەن رايونغان بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇردى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئارگېنتىنا 2-1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.























