ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىران ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىراقتىكى توپىلاڭنى تىنچىتىشنى خالايدۇ

ۋاقتى : 2014-06-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

05.jpg

شىنخۇا تورىنىڭ 16- ئىيۇن باغدادتىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، : شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەلۇماتلار گېزىتى» نىڭ 16- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقتىكى مەزھەپ توقۇنۇشى كەسكىنلىشىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان. ئىراننىڭ پرېزىدېنتى روھانى ۋە دېپلوماتىيە مىنىستىرى زېبارى ئايرىم ھالدا شەپە بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئىراقتىكى سۈنئىي مەزھەپ قوراللىق تەشكىلاتى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئانالىزدا مۇنداق قارالدى: بۇ ئىش ئامېرىكىنى قىسىلچىلىقتا قويدى، رەقىبى ئىران بىلەن ھەمكارلىشىش گەرچە ئىراق ۋەزىيىتىنى تىنچىتىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە يۇمشاق مەيدان تۇتۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك ېېرىدۇ.
ئىران پرېزىدېنتى روھانى مۇنداق دېدى: ئەگەر ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانسا، ئىرانمۇ ئىراقنى قوللاپ، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا قارشى تۇرماسلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.
ئىراننىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئىراق ھۆكۈمىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بەرسە، بۇ پۈتۈن يەر شارىدىكىلەرنىڭ ئورتاق قوغداش نىشانىدۇر.
مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىراقتا ئورتاق مەنپەئەتى بولسا، ئىككى تەرەپ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» نى بىرلىكتە چەكلەيدۇ، ئىران يەر ئۈستى قىسمى ئەۋەتسە، ئامېرىكا ئاخبارات ۋە ھاۋا ھۇجۇمى تەمىنلەيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشى ئىران يادرو سۆھبىتىگە پايدىلىق. ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇزۇن مۇددەت يامانلىشىپ كەلدى، ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئىراننى ئىراققا قورال تەمىنلەۋاتىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى. ئامېرىكا تاراتقۇسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىران «ئىتتىپاقلىشىشقا مۇمكىن بولمايدۇ» دەپ سۈپەتلەندى.
ئىراقتىكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا، ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى مالىكنىڭ باياناتچىسى 15- ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە 279 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر تازىلاندى، ھەربىي تەرەپ بىر قىسىم شەھەر- بازارلارنى قايتىدىن ئىگىلىدى. باغدادتا 15- ئىيۇن يەنە بىر قېتىم ئۆلۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ توققۇز ئادەم قازا قىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى. شىئە مەزھىپىدىكى نۇرغۇن ئامما ئۆزلىگىدىن خەلق ئەسكىرى بولۇپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» گە تاقابىل تۇرۇپ، باغدادنى ئۆلگىچە قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا