ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2008-يىلى زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكلىگەنىدى، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆيىگە قايتىش شوئار ئۇنى نۇرغۇن ئاۋازغا ئېرىشتۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىراق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى 2011-يىلنىڭ ئاخىرى چېكىنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا ياردەم بېرىش ئوبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق قېلىشى كېرەك؟
ئوباما 13-ئىيۇن ئاق سارايدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يەنە نۇرغۇن تاللاشلىرى بار، ئەمما قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەۋەتمەيمىز، بىز يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىمىز، دېدى.
ئوبامانىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى بىۋاسىتە ئارىلاشتۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۈرۈشىغا 11 يىل ئاۋۋالقى ئۇرۇشتىن نۇرغۇن ساۋاقلىرى سەۋەب بولغان.
2003-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھوقۇقىنى ئالماي، ئىراقتا زور كۆلەمدە قىرغۇچى قۇراللار بار، تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بېرىكتۈردى، دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۇرۇش قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئارقىدىن 1511-نومۇرلۇق قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىراقتا تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەت قىسمى تەشكىللەش ھوقۇقى بەردى.
پايتەخت باغدادقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ يىلى 4-ئايدا بۇ شەھەرگە كىردى. 1-ماي شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش ئىراقتىكى ئاساسلىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى، 12-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تىكرىتتا ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىننى قولغا ئالدى.
ئەمما ئامېرىكا ئىراقتا چوڭقۇر ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. ئىراققا كەڭ دائىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 138 ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى پات-پات ئىراق تەۋەسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. يارىدارلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيدى، غايەت زور ھەربىي چېقىممۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلدى، مەملىكەت ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى سادا ئۈزۈلمىدى، بوش ھۆكۈمىتى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدى، ھەتتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىمۇ ئۇنىڭ كاساپىتىگە كەتتى.
2010-يىلى 18-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرىقى بىر ئۇرۇش قىلىش بىرگادىسى ئىراقتىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ سىمۇۋۇلى بولدى. 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئەمما ئامېرىكا ئارمىيەسى تېزلىكتە سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ۋەدە قىلغان دېموكراتىيە ۋە گۈللىنىش ئىشقا ئاشماي قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىراقتا يەنىلا داۋالغۇش، ئېغىر مەزھەپ ۋە مىللىي زىددىيەت مەۋجۇت ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى، ئىقتىساد توختاپ قالدى، بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىدى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قېيىن ئەھۋالدا قالدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق ئۇرۇشى ئاياقلاشقىچە، ئامېرىكا سادام ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىگەن قىرغۇچى قۇراللارغا ئىگە بولۇش، تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش دېگەن ئىككى چوڭ جىنايەتنىڭ پاكىتىنى تاپالمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەھبۇسلارنى خورلاش ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش قاتارلىق سەتچىلىكلىرى كۆپ يۈز بەردى، ئامېرىكىنىڭ ئوبرازى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئوباما داۋراڭ سالغان سۇرىيەدىكى خىمىيىلىك قۇراللار مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، ئامېرىكا سۇرىيەگە قۇرال ئىشلىتىش توغرىسىدا پارلامنتتىن ھوقۇق بېرىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئارقىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتى زۇڭتۇڭنىڭ سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى توغرىسىدا ھوقۇق بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما پارلامېنتتا كۆپچىلىكنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى ئوخشىتىش ئۇسۇلى بىلەن سۇرىيەنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي زەربىسىدىن خالىي بولۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئارقىدىن رۇسىيە سۇرىيە خىمىيىلىك قۇراللارنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كونترول قىلىشىغا تاپشۇرۇشتەك تەكلىپنى بەردى. بۇمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيەنىڭ پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، سۇرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش لايىھەسىنى ئىنكار قىلدى. باش ۋەزىر كامىرۇن بۇنىڭغا ئاساسەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.