23-ماي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنى پائال پاش قىلىپ، ساقچىلارنىڭ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇشىغا ياردەم بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوشۇرۇنىدىغان جايى، قاچىدىغان يولى يوق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
يېقىندا گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ياردىمىدە مۇجى بازىرىدىكى بىر تېررورلۇق شايكىسى ھەمدە پارتلاتقۇچ ياساش ئۇۋىسىنى ۋەيران قىلدى، ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، بۇ شايكىنىڭ باشقا ئەزالىرى قېچىپ يۈرمەكتە. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى ئامما قوغلاپ تۇتۇشقا پائال ياردەم بەردى، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ھەرقايسى كەنت ئېغىزلىرىغا توساق قۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەن ماشىنا ۋە ئادەملارنى تەكشۈردى، گۇمانلىق ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلدى. تەكشۈرۈش داۋامىدا، نەچچە كىشى ۋە پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ يۈرگەن ئۈچ تېررورچى ئۇنسۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇلار ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قولغا چۈشۈردى، ئىككى كىشى يارىلاندى.
ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياردىمىدە، گۇما ناھىيەسىنىڭ ساقچىلىرى قاقاسلىق، كېۋەزلىك قاتارلىق جايلاردىن بۇ شايكىنىڭ 12 پارتلىتىش ئۈسكۈنىسىنى تاپتى.
ئۇددا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامما ئۆزلۈكىدىن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىدى.
24-ماي كېرىيە ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىنىڭ پاش قىلىشى ئارقىسىدا، بىر زوراۋان تېررورچى شايكىنى ۋەيران قىلىپ، ئۈچ تېررورچى ئۇنسۇرنى قولغا ئالدى، ئۈچ پارتلىتىش ئۈسكۈنىسىنى قولغا چۈشۈردى.
25-ماي مارالبېشى ناھىيەسىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىش قىلىۋاتقاندا قاتلىنىدىغان ئورغاق ئېلىۋالغان بەش گۇماندارنىڭ ئۆستەڭدە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى.
ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامما پاش قىلغان 300دىن ئارتۇق يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، پاش قىلغان ئەھۋالغا ئاساسەن، تېررورچى شايكىدىن 9نى ، دىنىي ئەسەبىي شايكىدىن بىرنى پاش قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق 60 نەچچە كىشىنى قولغا ئالدى، پارتلىتىش ئۈسكىنىسىدىن 160 نەچچىنى قولغا چۈشۈردى، پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى ياساش ماتېرىيالىدىن 40 نەچچە كىلوگرام، بىر تۈركۈم پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى، كۆپ مېدىيا كارتىسى ھەمدە بايراق قاتارلىق قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى، ئىككى قانۇنسىز ئۈن-سىن كۆپەيتىش نۇقتىسىنى ۋەيران قىلدى.
جايلاردىكى ئامما يەنە ئەتراپىدىكى گۇمانلىق كىشىلەرنى پائال پاش قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتتى.