شىنخۇا تورىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىراق شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا سادىرغا سادىق خەلق ئەسكەرلىرى پايتەخت باغداد ۋە بىر قىسىم شىئە مەزھىپى ئۆلكىلىرىدە قوراللىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى، ئىراق مەزھەپلەر توقۇنۇشى يەنىمۇ كەسكىنلىشىش خەتىرىگە دۇچ كەلدى.
باغدادنىڭ شەرقىدىكى سادىر شەھىرىدە، ھەربىي فورما كەيگەن نەچچە يۈز خەلق ئەسكىرى ئاپتومات، پىلموت ۋە راكېتا بومبىلارنى كۆتۈرۈپ پارات ئۆتكۈزدى، شىئە سىياسىي پارتىيىلىرى ۋە قەبىلە مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ پاراتقا قوشۇلدى. ھەربىي پارات قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ساقچىلار ئەتراپقا زور مىقداردىكى كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى.
ئوخشاش بىر كۈنى، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە جەنۇبىدىكى بەسرە، مىسان، ۋاست ۋە مۇسانا قاتارلىق شىئەلەر توپلاشان ئۆلكىلەردىمۇ ئوخشاش خىلدىكى قوراللىق پارات ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشچە، ھەربىي پارات مۇقتەدا سادىرنىڭ «شىئەلەرنى ڭ مۇقەددەس جايلىرىنى قوغداش» دەۋىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن.
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.