9- ئاينىڭ 3- كۈنى، تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى باياناتچىسى شياۋدېخېڭجىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 8- ئايدا، جۇڭگو بازىرىدا تويوتا ئاپتوموبىلىدىن 75 مىڭ 300 دانە سېتىلىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.1 ئازلاپ كەتتى. ئەمما بۇ يىلدىكى جەمئىي سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تويوتا ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى يەنىلا ئېشىش ھالىتىنى ساقلىماقتا.