شىنخۇا تورىنىڭ 21-فېۋرال خەۋىرى: ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىسى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دېيىشىچە، ئەزەربەيجان پۇلى ماناتنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا پېرېۋوت قىلىش نىسبىتىنى %33.5 تۆۋەنلەتكەن.
ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىسى 21-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىم ماناتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ئىقتىسادىي كۆپ خىللىققا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كىرگۈزۈش ھەمدە ئېكسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەزەربەيجان مەركىزىي بانكىسى ئېلان قىلغان تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇش باھاسىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 1 ئامېرىكا دوللىرى 1.05 ماناتقا ئالماشتۇرۇلغان؛ لېكىن 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر ئامېرىكا دوللىرىنى 0.7862 ماناتقا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى.
خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇلى 2014-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ كۇرسى چۈشۈشكە باشلىدى، لېكىن مانات ئىزچىل نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
تەرجىمىدە: ئوكيان