تېڭشۈن تورىنىڭ 3-مارت خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ساقلاش قارارى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرۇپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ زەربىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ داۋاملىق ئېشىشى ھەمدە دۇنيادىكى بىر تۈرلۈك سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، ئالتۇن باھاسى تەكرار تەسىرگە ئۇچردى.
مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەگەر ئالتۇن ئىمپورت تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتسە، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
2014-يىلى ھىنىستاننىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى دۇنيا ئالتۇن تەمىناتىدا تۆتتىن بىر ئۈلۈشنى ئىگەللىدى. بىراق بۇنىڭ ئالتۇن باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە نىسبەتەن بولغان ئۈنۈمى چوڭ ئەمەس.
ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدە، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش مىقدارى پەسەيگەن بولۇپ، ئاساسلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئالتۇن ئىمپورت بېجىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىدىن بولغان.
تەرجىمىدە: ئاينۇر