ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

قەرزنىڭ جۇڭگو GDP سىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى

ۋاقتى : 2015-02-05  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

HTCX0(X0I2XDU)TYB3790WY.png

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 5-فېۋرال خەۋىرى: بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ قەرز سەۋىيەسى يەر شارى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاشتىن بۇرۇنقى 2007-يىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان، بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ قەرزى بىلەن ئىقتىساد كۆلىمى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

مەسلىھەت بېرىش ئورگىنى ماكىنسېينىڭ ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىنىڭ قەرز سەۋىيەسى 5 تىرىلىئون 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ 20 تىرىلىئون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. قەرز بىلەن دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىسبىتى %270 دىن ئېشىپ %286 كە يەتكەن.

ماكىنسېينىڭ 47 دۆلەتنىڭ قەرز ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن 8 يىلدىكى داۋالغۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك «پىشاڭسىزلاشتۇرۇش» مەشغۇلاتىنى (يەنى قەرزنى تېخىمۇ بىخەتەر سەۋىيەگە چۈشۈرۈش) ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىش گۈدەكلىك ئىكەن. دوكلاتتا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ «يېڭى تەدبىر قوللىنىپ» قەرز كىرىزىسىنىڭ كەلگۈسىدە قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

جۇڭگونىڭ ئومۇمىي قەرز سەۋىيەسى (پۇل-مۇئامىلە كەسپى قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 2007-يىلدىن بۈگۈنگىچە 3 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، نۆۋەتتە سەۋىيەسى GDPنىڭ %282 گە باراۋەر ئىكەن. بۇ نىسبەتەن ئامېرىكىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. ماكېنسىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي قەرز سەۋىيەسى «قارىماققا كونترول قىلغىلى بولىدىغان» بولسىمۇ، ئەمما بۇ قەرز سەۋىيەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نىسبەتەن تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىشىنى تولۇقلاش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىكەن.

تەرجىمىدە: ئوكيان

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا