ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئاپتونوم رايونىمىزدا گۆشنىڭ باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىزچىل يۇقىرى تۇرىدۇ؟

ۋاقتى : 2013-08-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

   ئاپتونوم رايونىمىزدا گۆشنىڭ باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىزچىل يۇقىرى تۇرىدۇ، باقمىچىلارنى باقمچىلىق سۈپىتى ۋە سانىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قانداق يېتەكلەش كېرەك؟
       تۈنۈگۈن(8.9) كالا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ناھىيە ـــ قۇتۇبى ناھىيىسىدە ئېچىلغان جۇڭگو 8- نۆۋەتلىك كالىچىلىق تەرەققىياتى يىغىنى يۇقىرى قاتلاملار مۈنبىرىدە، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭغا يېقىن مۇتەخەسسىس ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق كارخانىچىلار بەس- بەستە سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كالىچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تەدبىر كۆرسەتتى.
      دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنسىتىرى يۈ كاڭجېن ئېلىمىزنىڭ كالىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، يۈزلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەتتىكى كالا- قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى ھەمدە بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۇ ئىلمىي پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ كالىچىلىق كەسپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازارنىڭ ئاساسىي تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، كالا - قوي گۆشىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىۋەتمەستىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە كەسپلەشتۈرۈش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئەۋزەل رايونلارنى مۇھىم نوقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونى، چارۋىچىلىق رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى سورت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي ئانىلىق ماللارنىڭ سانىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
   دۆلەت كالىچىلىق تېخنىكا سىستىمىسىنىڭ باش ئالىمى ساۋ بىڭخەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا چارۋا مال باقىدىغان يەر، ئوتلاق بار. يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى گىرەلەشكەن، كالىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تەبىئىي بايلىق ناھايىتى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ كالىچىلىق كەسپىدىكى ئىستراتىگىيىلىك بەلباغ بولۇپ قالدى.
    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېن شىبىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئوتلاقلارنى باشقۇرۇش ھوقوقى، چارۋا ماللارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقوقى ۋە يەم- خەشەكلەرنى ئىشلىتىلىش ھوقوقىنى بىرلەشتۈرۈپ، باقمىچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كالىچىلىقنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نۆۋەتتە يەم- خەشەك، چارۋا مال بىرلەشمە تىجارەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 53 نى قۇردى. تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ ياخشى بۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر كوپىراتىپقا ئەزا بولغان چارۋىچىلار 23 ئۆيلۈككە يەتتى. بۇ ئوتلاق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كۆلەملىشىش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، زامانىۋىي چارىۋچىلىق كەسپىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا