ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىسى ئەمدى بەلكىم ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پىششىق ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئەتە كەچ سائەت 12:00 دە ئېچىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان پىششىق ماي ئورگانلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى باھا ھېسابلاش مەزگىلىدە خەلقئارادىكى خام ماي باھاسى ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەتە كەچتە دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىدا بەلكىم 8 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈش بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاز بولمىغان تورداشلار: «دۈشەنبە كۈنى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ بولسىمۇ، چوقۇم لىققىدە ماي قاچىلىۋېلىش كېرەك.» دەپ چاقچاق قىلىشتى.
جوچۇاڭ ئاخباراتچىلىقى پىششىق ماي تەھلىلچىسى ليۇ يۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى باھا ھېسابلاش مەزگىلىدە، خام ماينىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى مەنپىي قىممەتتىن بىراقلا مۇسبەتكە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، باھا بىردىنلا ئۆسۈپ بارغان. 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، جوچۇاڭ ئاخباراتچىلىقى مۆلچەرلىگەن خام ماينىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى %7.84 يۇقىرىلاپ كەتكەن، بۇ پىششىق ماي باھاسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ 305 يۈەن ئەتراپىدا ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنى #90 بېنزىن 0.22 يۈەن، #93 بېنزىن 0.23 يۈەن، #0 دىزېل مېيى 0.26 يۈەن ئۆرلەپ كەتكەن. نۆۋەتتە باھا تەڭشەش كۆزنىكىنىڭ قوزغىلىشىغا ئارانلا بىر كۈن ۋاقىت قالغان بولۇپ، بۇ قالغان بىر كۈن ئىچىدە خەلقئارا ماي باھاسىدا بىردىنلا چۈشۈش كۆرۈلسىمۇ، بۇ ئەتە كەچتىكى پىششىق ماي بازىرىدىكى باھانىڭ ئۆسۈشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن. پىششىق ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى مال ترانسپورت كارخانىلىرى ۋە شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ماي تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىشى تۇرغانلا گەپ. يەنى ئايدا 2000 كىلومېتىر يول يۈرىدىغان ھەر يۈز كىلومېتىرغا 8 لىتىر بېنزىن خورىتىدىغان شەخسىي ئاپتوموبىلنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر #93 بېنزىن ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.23 يۈەن ئۆرلىسە، كېلەركى باھا ھېسابلاش مەزگىلى (تەخمىنەن يېرىم ئاي)غىچە كېتىدىغان ماي تەننەرخى 18.4 يۈەن ئەتراپىدا كۆپىيىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.