«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا نۆۋەتتە بايلارنىڭ ئومۇمى سانى 1 مىليوندىن كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ شەخسى بايلىقى 10 مىليوندىن ئاشىدىكەن،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى كىرىم 1 مىليون 600 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇق بولسا ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش ماكانى ئەمەس ئىكەن.خۇرۈن ئاگېنتلىقنىڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،%16 دىن ئاشىدىغان جۇڭگولۇق باي چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن،ياكى رەسمىي ھالدا چەتئەلگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان،ھەمدە %44 باي چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە تەييارلانغان.%85 دىن ئاشىدىغان كىشىلەر باللىرىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %33 ئادەم چەتئەلدە رەسمىي ئىجتىمائىي بايلىق ياراتقان.جۈخېي تورىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،بۇ بايلار ئاساسلىق يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى تىز ئېشىشىنىڭ پايدىسىغا ئۇچرىغان،ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %28 ئادەم بولسا كەلگۈسى ئىككى يىلدىكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئالدىن كۆرۈپ بولغان،ھەمدە ئۆتكەن يىلى %54 ئادەم ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇ خىل سانلىق قىممەت جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق قىممەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان،مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىدا 1998-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن.
خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇق قىممىتى ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان سانلىق قىممەتنى ئىپادىلىگەن:يەنى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ چېگرا ئاتلىشىدا تۆلەنگەن چىقىم،بۇ بىر قىسىم قىممەتنى ئادەتتىكى كىشىلەر ياراتقان؛يەنە بىر سانلىق قىممەت بولسا چېگرا ئاتلاش سانلىق قىممىتى.جۇڭگونىڭ سانلىق قىممەتلىرى يەنىلا بىر قەدەر كونا بولغان ھالەتتە ئىكەن،بۇ ئاساسلىق سودا ئاكتىپ بالانسىغا تايىنىدىكەن،ئۇنىڭدىن باشقا،جۇڭگو ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەرلىك بولغان چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىكەن.ھەمدە بۇ خىل قىممەتلەر سودىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەنSAFE دىكى بىر نەپەر باياناتچىنىڭ جاۋاب بېرىشىچە،نۆۋەتتىكى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشى ھەرگىزمۇ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.بۇ بىر قىسىم مەبلەغ بولسا جۇڭگو بايلىق باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن.ئەمما بۇنداق بولغان تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش بولسا چېگرا ئاتلىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپ مىقداردىكى بايلىقنى دۆلەت ئىچىگە ئەكىرىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن،ھەمدە بايلارنىڭ چەتئەلدىكى بايلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن،ھەر قانداق سودا تەرتىپى بىر خىل تەرتىپ بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىللىق ئەركىن ھالەتتە چېگرا ئاتلاتقان مەبلىغىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن،ھەمدە بۇ خىل قىممەت ھالىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تاشقى پېرېۋوت ئاساسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.ئامېرىكا غەربى شىمال ئۈنۋېرستېتىدىكى ۋېكتورنىڭ كۆرسىتىشىچە،جۇڭگودىكى ئەڭ باي بولغان %1 ئادەمنىڭ 2 تىرىليوندىن 5 تىرىليۇنغىچە مۇقىم مەبلىغى بار ئىكەن.ئەگەر بۇ كىشىلەر مەبلەغ يۆتكەشتىن قورقسا،بۇ بىر قىسىم مەبلەغ جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت قىممىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن.