ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئوباما قىرىمغا قارىتا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى

ۋاقتى : 2014-12-20  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :   

 ئوباما قىرىمغا قارىتا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى

20141220124023170.jpg

تېڭشۈن ئىقتىساد تورىنىڭ 20-دېكابىر خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 12-ئاينىڭ 19-كۈنى قىرىمغا قارىتا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا رۇسىيە يۇتىۋالغان يېرىم ئارال رايونىغا جازا يۈرگۈزۈشنى يولغا قويدى.
ئوباما جۈمە كۈنى مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، قىرىمغا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغىنىغا ئوخشىشپ كېتىدىغان ئىقتىسادىي چەكلەش ۋاسىتىسىنى يولغا قويدى. بۇيرۇقتا ئامېرىكا كارخانىلىرى ياكى شەخسىيلەرنىڭ قىرىمغا مەبلەغ سېلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار ياكى ئامېرىكا كارخانىلىرى قىرىمدا ئۆي ياكى كارخانا سېتىۋالسا بولمايدىكەن، يەنە قىرىم رايونىدىكى كارخانىلارنى مەبلەغ ئويۇشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىسىمۇ بولمايدىكەن.
ئوباما پەيشەنبە كۈنى بىر پارچە قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيەگە قارىتىلغان يېڭى جازا يۈرگۈزۈش چارىلىرىنى ماقۇللىغان. ئەمما ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ماسلاشمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانۇن لايىھەسىدىكى جازالاش چارىلىرىنى ۋاقتىنچە ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئاللىقاچان كېشىلىپ بولغانلىقتىن قىرىمغا جازا يۈرگۈزۈش ناھايىتى تېزلا يولغا قويۇلىدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا