ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

رۇسىيە ئىقتىسادى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چېكىندى

ۋاقتى : 2015-02-19  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150219112350595.png

تېڭشۈن مالىيە ئىقتىساد قانىلىنىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسى ھەمدە خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بېسىمىدا، رۇسىيە ئىقتىسادى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چېكىنىش دەۋرى يۆلىنىشگە قاراپ ماڭغان.
سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىلەپ بەردىكى، گەرچە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پارچە سېتىشنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىشى ھەمدە ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەنلىشىشى ئىستېمالچىلار ئىقتىساد بېسىمى پەيدا قىلغان زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دېرەك بېرىدۇ. رۇسىيە ھۆكۈمىتى مۆلچەرلىشىچە، 2015-يىلى رۇسىيەنىڭ GDP سى %3 تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، 2009-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلىشى بولۇپ قالىدۇ؛ ئاۋام ئارىسىدىكى كۆپلىگەن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل رۇسىيەنىڭ GDP سىدا تېخىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.
رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئۆتكەن نەچچە يىلدا دۆلەت ئىچى ئېھتىياجى ئىزچىل رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن، ئەمما ئىستېمالچىلار ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى %0.4 ئاشقان بولۇپ، بۇ يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %15.9 ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما شۇ ھەپتە رۇسىيەنىڭ ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى، ئەينى چاغدا رۇبلىنىڭ كۇرسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈۋەتتى.
رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆلچەملىك ئۆسۈم پىرسەنتى %15، رۇسىيە بانكىسى ۋە كارخانىلىرى قەرز ئېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا، چۈنكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك رۇسىيەنى جازالىشى ئۇلارنى خەلقئارا بازارغا كىرىشكە ئامالسىز قويدى.
2015-يىلى 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى 2009-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن، ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ چۈشۈش دەرىجىسىمۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتقان. 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 تۆۋەنلىگەن، ئەمەلىي مائاشى بولسا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 تۆۋەنلىگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 1-ئايدا رۇسىيەنىڭ مۇقىم كاپىتالغا مەبلەغ سېلىشىدىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 تۆۋەنلىگەن.
تەرجىمىدە: ئوكيان

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا