ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

تۈركلەر يېقىنقى 10 يىلدا 109 دۆلەتكە مەبلەغ سالدى

ۋاقتى : 2012-04-25  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئىگىلىنىشىچە، 3641 نەپەر تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچى، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 109 دۆلەتكە 25 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.

 

تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر كونفېدراتسىيەسىنىڭ دۆلەت خەزىنە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، 3641 نەپەر تۈركىيەلىك سودا – سانائەتچى، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە 109 دۆلەتكە 25 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنى خەۋەر قىلىپ يېزىپ چىققان «ھۆررىيەت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى جەيھۇن كۇبۇرلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېكورت خاراكتېرلىك مەزكۇر سېلىنمىلارنىڭ بىرىنچى قاتارىدىن گوللاندىيە ئورۇن ئالغان.

2000- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە بولغان جەرياندا 3641 سودا – سانائەتچى ۋىيېتنامدىن ئىراققىچە، سىرىلانكىدىن پاناماغىچە، بىرازىلىيەدىن ئانگولاغىچە، گېرمانىيەدىن مالتاغىچە بولغان 109 پەرقلىق دۆلەتكە مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى 25 مىلياردىن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن سېلىنمىلاردىن ئەڭ كۆپ نەسىۋە ئالغان دۆلەت گوللاندىيە بولغان.

10 يىلدا گوللاندىيەگە 5 مىليارد 346 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، تۈرك سودا – سانائەتچىلەرنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئۆزىگە جەلپ قىلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە رۇسىيە ئىككىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

بۇ جەرياندا ئەزەربەيجانغا 144 سودا – سانائەتچى 3 مىليارد 825 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. قازاقىستان بىلەن مىسىرمۇ يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۈرك سەرمايىسىنى جەلپ قىلغان.

تۈرك شىركەتلىرى قازاقىستانغا ئىككى يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولسا، توقۇمۇچىلىق ۋە ماشىنىسازلىق ساھەسىدە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان مىسىرغا بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بويان ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان يەنە بىر دۆلەت مالتا بولۇپ، 34 تۈرك كارخانىچى مالتاغا 1 مىليارد 365 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان. ئەڭ ئاز مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتلەر كولومبىيە، سىرىلانكا، نورۋېگىيە، ئانگولا، پورتېگالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە بولغان. بۇ دۆلەتلەر 250 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن مىقداردا تۈرك سەرمايىسى جەلپ قىلالىغان.

كولومبىيەگە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە پەقەت 10 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىنغان. سېلىنمىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالغان ساھەلەر ئېنېرگىيە ۋە بانكىچىلىق ساھەسى بولغان.

خەۋەردە، تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بويان چەت ئەللەرنىڭ ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە 4 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا