ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى دوكلاتى، 10-ئاي كىرىشى بىلەن، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشى داۋاملىق تۆۋەنلەپ بارغان. بىر نەچچە چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، Toyota، Honda، Nissanقاتارلىق ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى سېتىش سوممىسى ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئومۇمەن %40 ئازىيىپ كەتكەن.
Nissanئاپتوموبىل شىركىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا دوكلاتىدا، 10-ئايدا مەزكۇر شىركەتنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىن %40.7 ئازىيىپ، 64300 غا چۈشۈپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ بۇ يىلى جۇڭگو 1 مىليون 350 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىش نىشانىنى تاماملاشنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.
Hondaشىركىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئۇچۇردىمۇ، مەزكۇر شىركەتنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى سېتىش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.5 ئازىيىپ، پەقەت 24115 بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئاللىبۇرۇن جۇڭگودىكى بۇ يىللىق سېتىش نىشانىنى 750 مىڭدىن 620 مىڭغا تۆۋەنلەتكەن.
Toyotaشىركىتى 1-چېسلا ئېلان قىلغان 10-ئايلىق جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش ئۈنۈمى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىركەتنىڭ سېتىش مىقدارى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.1 ئازايغان بولۇپ، گەرچە بۇ 9-ئايدىكى %48.9 تىدىن ياخشىراق بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا 7-ئايدىن بۇيان ئۇدا تۆۋەنلەپ بارغان. 10-ئايدىكى جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى پەقەت 45600 بولغان.
يۇقىرىقى ياپونىيە ئاپتوموبىل ياساش شىركەتلىرى بىردەك، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئېلىۋېلىش مەسىلىسى پەيدا قىلغان جۇڭگونىڭ ياپون ماللىرىنى چەتكە قېقىشى ياپونىيە ئاپتوموبىللىرى سېتىلىشىنى پەسىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ بىۋاسىتە سەۋەب دەپ قارىغان.