ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاستىلىدى

ۋاقتى : 2012-07-13  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاستىلىدى

جۇڭگو دۆلەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، GDP ئېشىشى ئاستىلاپ %7.6 بولغان.

ئىلگىرى ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىللىك GDP ئېشىشى بىرىدىن پەسىلدىكى %8.1 دىن %7.6 كە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.

جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ ماس قەدەمدە ئامانەت ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشى، كىشىلەر جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىللىك GDP سى ئېھتىمال ھالسىزلىنىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2012-يىللىق GDP نىڭ ئۆسۈش نىشانىنى %7.5 دەپ بېكىتكەن بولۇپ، نۇرغۇن تەھلىلچىلەر بۇ سان ئۆسۈشنىڭ تۆۋەن چېكى، نىشان ئەمەس دەپ قارىغان؛ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، %7.6 لىك ئېشىش نىسبىتى گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ نىشانىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاستە قوللىنىپ ئىقتىسادنى سىلجىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خۇيفېڭ ياساش سانائىتى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىككىلىسىلا 7 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ئېلان قىلغان. گەرچە پەسىل ئامىللىرى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ  بەرگەن.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا