تۈركىيە 2011 - يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 8 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە 2011 - يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 8 تەرەققىي قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە، جۇڭگودىن قالسا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككىنچى دۆلەت بولدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە، OECD دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 ھەسسە ئېشىپ، مىللىي كىرىم 1 تىرىليون 295 مىليون دوللارغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىم 10 مىڭ 444 دوللارغا يەتتى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن. باش مىنىستىر ئەردوغان، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەت تارىخىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتتۇق. ھەم تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ئاشماقتا، ھەمدە مىللىي كىرىمىمىز بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە. يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپادا مۇرەككەپ مەسىلىلەر چېكىگە يەتكەن بىر پەيتتە، تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىماقتا. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن 75 مىليون خەلقىمىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن.»