ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جىلى ئاپتوموبىلچىلىقى بۇ يىل ساپ پايدىسىنىڭ يېرىم ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ۋاقتى : 2014-12-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

 جىلى ئاپتوموبىلچىلىقى بۇ يىل ساپ پايدىسىنىڭ يېرىم ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 17-دېكابر خەۋىرى: جۇڭگو ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى جىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ كۇرسى «زور دەرىجىدە» چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىنىڭ ھالسىزلىنىشى سەۋەبلىك بۇ يىل پايدىسىنىڭ يېرىمى ئازلاپ كېتىدىكەن. جىلىنىڭ پېيىنىڭ باھاسى 17-دېكابر چۈشۈپ كەتتى، چۈشۈش دەرىجىسى بىر مەھەل %20 كە يەتتى.

 

جىلىنىڭ پېيى شىياڭگاڭدا بازارغا سېلىنغان، ئانا شىركىتى شۋېتسىيە ۋولۋو ھەمدە لوندون قارا رەڭلىك تاكسى ياساش كارخانىسىغا ئىگە. جىلى 16-دېكابر بازار يېپىلغاندىن كېيىن بىلدۈرۈشىچە، 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر يىلدا مەزكۇر شىركەتنىڭ ساپ پايدىسى 2013-يىلدىكى 2 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن تەخمىنەن %50 چۈشۈپ كېتىدىكەن.

 

جىلىنىڭ پېيىنىڭ باھاسى 17-دېكابر ئەتىگەندە ئەڭ كۆپ بولغاندا %19 چۈشۈپ كەتتى، ئۆتكەن بىر ئايدا مەزكۇر شىركەتنىڭ پاي باھاسى جەمئىي %14 كە يېقىن چۈشۈپ كەتى. مەزكۇر شىركەت ئىلگىرى دوكلات قىلىشىچە، بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ساپ پايدىسى 1 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %20 چۈشۈپ كەتكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى پايدا سىگنالى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ساپ پايدىسىنىڭ پەقەت 220 مىليون بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

بېرنستېيىن تەتقىقات شىركىتى (Bernstein Research)نىڭ شىياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپتوموبىل تەھلىلچىسى ماكس ۋاربۇرتون (Max Warburton) نىڭ قارىشىچە، جىلىنىڭ «سوت ھۆكۈم كۈنى» يېتىپ كەلگەن.

 

ئۇ:«بىز 8-ئايدىلا جىلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك نەتىجىسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ قېتىمقى پايدا سىگنالى پەقەت بىزنىڭ قارىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يەنى مەزكۇر شىركەت ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

 

2014-يىلىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، جىلى گۇرۇھىنىڭ جۇڭگودىكى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى %20 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، 267 مىڭ دانە سېتىلغان، بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگودىن ئىبارەت يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئاستىلىشىغا بولغان ئەندىشە كۈچەيمەكتە. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش مىقدارى ئىككى ھەسسە سۈرئەت بىلەن تۆۋەنلىمەكتە، تۆۋەنلەش دەرىجىسى %46گە يەتتى.

 

بۇنىڭدىن سىرت، جىلى گۇرۇھى جۇڭگودىكى سېتىش ۋە بازار كەسپىنى قايتىدىن تەشكىللىمەكتە.

 

تەرجىمىدە: ئوكيان

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا