رۈي يىننىڭ(UBS) شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو رايونىغا مەسئۇل باش ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ تاۋ"بۇ يىل 4-ئايدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بىردىن بىر يورۇق نۇقتىسى ئۆي-مۈلۈك بازىرى بولدى، ئۆي-مۈلۈكنىڭ سېتىلىشى ۋە يېڭىدىن باشلانغان قۇرۇلۇش سانلىق مەلۇماتلىرى بۇنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى. جۇڭگو رەھبەرلىك قاتلىمى قىيىن بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلدى، ئۇلار ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا ئىقتىسادى كۆپۈك كۆرۈلىشىنى ھەم خالىمايدۇ ھەم بۇ ساھەنى زىيادە تىزگىنلەشتىن نۆۋەتتىكى ئاجىز ئىقتىسادى مۇھىتتا ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنى ھەم خالىمايدۇ"دېدى.
2010-يىلدىن بىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۆي باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى ھەم ئۆي- مۈلۈك بازىرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى، ئەمما قوللانغان بارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بىردەك بولمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن يەر شارى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن بەزى رايون خاراكتېرلىك ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا ئۆي باھاسى 2 ھەسسە ھەتتا 3 ھەسسىگىچە ئۆسۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى، ئەمما بۇ كۆپلىگەن شەھەرلەردە قاتتىق بولغان ئۆسۈشنى چەكلەش ياكى 2 يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان نەتىجە.
مەبلەغ جىددى بولغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىۋاستە كاپىتال بازىرىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە چىرىك ئەمەلدارلار تېرىلغۇ يەرلەرنى قايتۇرىۋېلىپ، ئۇنى ئولتۇراق ئۆي يېرى ئورنىدا تېخىمۇ يۇقۇرى باھادا ئۆي- مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرىگە ساتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىدۇ.
ئۆتكەن 10 يىلدا بۇ ئۇسۇل غايەت زور بايلىق يارىتىپ، جۇڭگونىڭ شەھەرلىشىش مۇساپىسىنى قوزغاتتى ھەم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېشىش مەنبەسى بولۇپ قالدى، ھەتتا چوڭ تىپتىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغاندەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇسۇل يەنە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقۇرى ئۆرلىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولۇپ قالدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەرلەرنى تارتىۋېلىش ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشى جۇڭگو كومپارتىيىسى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلىقلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بۇ دەل جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
ئەمما يېڭى چەكلەش تەدبىرلىرى ھەم بۇ يىل 2-ئايدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆي سودىسى بېجى بېيجىڭدىن باشقا ھەرقانداق شەھەردە رەسمىي ئىجرا قىلىنمىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە قايتا زەربە بېرىشكە قوشۇلماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بەزى تەھلىلچىلەر دەل يېڭى بىر نۆۋەتلىك كىرىدىتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆي-مۈلۈك بازىرى كۆپۈكچىسىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىدى. دۇ جىڭسوڭ" قىسقا مەزگىلدىن ئېيتقاندا كىشىلەر ئۆي-مۈلۈك بازىرى چوقۇم تۇراقلىقلىقىنى ئىپادىلىگەندە ئاندىن ئىقتىسادنىڭ باشقا ساھەلىرىنىڭ ئېشىشىشىغا يۆلەك بولالايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېيتقاندا بۇنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.