ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

دۇنيادىكى 2015-يىللىق 20 چوڭ باي

ۋاقتى : 2015-03-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

يەر شارى تورى 10-مارت خەۋىرى:
1. بىل گەيتىس (Bill Gates) - ئامېرىكا
«فوربېس ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان 2015-يىللىق بايلار تىزىملىكىدە 1-ئورۇنغا تىزىلغان، ساپ مۈلكى 79 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان بولۇپ، رەت-تەرتىپتە ئۆزگەرمىگەن. خارۋارد ئونۋېرسىتېتىدىن چېكىنىپ مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغان بىل گەيتىس بايلار تىزىملىكىدە يەنە بىر قېتىم 1-بولغان.


 

 2. كارلوس سىلىم خېلۇ (Carlos Slim Helu) - مېكسىكا
ساپ مۈلكى 77 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپتە ئۆزگەرمىگەن. كارلوس سىلىم خېلۇ كۆچمەن موزدوزنىڭ بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قورۇق قول ئېگىلىك تىكلىگەن. ئۇ ھازىر مىليادېر بولسىمۇ، دوستىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەنىلا ئىقتىسادچىللىقىنى ساقلىغان، كومپيۇتېرغا قارىغاندا قولدا خەت يېزىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
 
3. ۋاررېن باففېت (Warren Buffett) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 72 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 14 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت -تەرتىپىدە بىر دەرىجە ئۆرلىگەن. باففېت بېركشىر خاساۋېي (Berkshire Hathaway) شىركىتىنىڭ CEO ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىركەت پېيىنى ئەڭ كۆپ تۇتۇپ تۇرغۇچى.  بېركشىر خاساۋېي شىركىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، شۇنداقلا باففېتنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىغا يامىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
 
4. ئامانسىئو ئورتېگا (Amancio Ortega) - ئىسپانىيە
ساپ مۈلكى 64 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە بىر دەرىجە تۆۋەنلىگەن. ئامانسىئو ئورتېگا ZARAنىڭ ئانا شىركىتى Inditex گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرى.
 
5. لاررىي ئېللىسون (Larry Ellison) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 54 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 6 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپى ئۆزگەرمىگەن. لاررىي ئېللىسون ئورىكول (Oracle) شىركىتىنڭ قۇرغۇچىسى، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ باقمىغان. 1990-يىل خارۋارد ئونۋېرسىتېتىنىڭ سودا ئىنىستىتۇتى ئۇنىڭغا «يىللىق كارخانىچى» دېگەن نامنى بەرگەن.
 
6. چارلېز كوچ (Charles Koch) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 42 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپى ئۆزگەرمىگەن.
 
7. داۋىد كوچ (David Koch) - ئامېرىكا
ئوخشاش 6-ئورۇنغا تىزىلغان،  ساپ مۈلكى 42 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپى ئۆزگەرمىگەن.
 
8. كىرستىي ۋالتون (Christy Walton) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 41 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە بىر دەرىجە ئۆرلىگەن. كىرستىي ۋالتون Wal-Mart Storesنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بالىسى، جون ۋالتون (Jonh Walton)نىڭ يېسىر خۇتۇنى.
 
9. جىم ۋالتون (Jim Walton) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 40 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد 900 مىليون ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە بىر دەرىجە ئاشقان. Wal-Mart Stores گۇرۇھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.
 
10. لىلېيىن بېتتېنكورت (Liliane Bettencourt) - فرانسىيە
ساپ مۈلكى 40 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە بىر دەرىجە ئاشقان. ئۇنىڭ دادىسى ئورېئال (L'Oreal) گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى.
 
11. ئەلىس ۋالتون (Alice Walton) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 39 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 5 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە ئاشقان. Wal-Mart Stores گۇرۇھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.
 
12. روبسون ۋالتون (S. Robson Walton) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 39 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 4 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە ئاشقان.
 
13. بېرنارد ئارنولت (Bernard Arnault) - فرانسىيە
ساپ مۈلكى 37 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 3 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە ئاشقان.
 
14. مايكول بلۇمبېرگ (Michael Bloomberg) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 35 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 500 مىليون ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە ئاشقان. مايكول بلۇمبېرگ نيۇ يورك شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ھازىر Bloomberg LP ئاخبارات شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە CEOسى.
 
15. جېف بېزوس (Jeff Bezos) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 34 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئۈچ دەرىجە ئاشقان. جېف بېزوس ئېلېكترونلۇق سودا ماگناتى Amazonنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە CEOسى، Business Insiderغا مەبلەغ سالغۇچى.
 
16. مارك زۇكېربېرگ (Mark Zuckerberg) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 33 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 4 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە بەش دەرىجە ئاشقان. مارك زۇكېربېرگ Facebookنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە CEOسى.
 
17. لى جياچېڭ - شياڭگاڭ
ساپ مۈلكى 33 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان، رەت-تەرتىپىدە ئۈچ دەرىجە ئاشقان.
 
18. شېلدون ئادېلسون (Sheldon Adelson) ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 31 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2013-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن بولۇپ، رەت-تەرتىپىدە 10 دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن. شېلدون ئادېلسون Las Vegas Sands گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، بۇ يىل پاي باھاسى %30 چۈشۈپ كەتكەن.
 
19. لاررىي پېيج (Larry Page) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 29 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2013-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن.
 
20. سېرگىي برىن (Sergey Brin) - ئامېرىكا
ساپ مۈلكى 29 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 2014-يىلدىكى مۈلكىگە سېلىشتۇرغاندا 2 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيگەن بولۇپ، رەت-تەرتىپىدە ئىككى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن. سېرگىي برىن گۇگولنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بىرى.
تەرجىمىدە: لوقمان
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا