ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا يۈزلەندى

ۋاقتى : 2014-12-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

 پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 17-دېكابىر خەۋىرى: رۇسىيە بىر مەيدان پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىغا قاراپ سىيرىلىۋاتىدۇ، بۇ كىشىگە 1998-يىلىدىكى ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئەسلىتىدۇ. گەرچە رۇسىيە مەركىزى بانكىسى تۈن نىسپىدە دراماتىك ھالدا ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ،  رۇبلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنە بىر قەدەم چۈشۈپ چۈشۈش نىسبىتى %11 كە يەتتى.
رۇبلىنىڭ تەۋرىنىشى دۇنيا بازىرىغا كېڭىيىش ئالامىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈكىنى يۆتكىدى، گېرمانىيە زايۇم پايدا نىسبىتى چۈشۈپ تارىختا رېكورت يارىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتتى.
تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئۇچرىغان غايەت زور بېسىمنى كۆرۈنەرلىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە بولسا رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى Sergey Shvetsov مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت جىددىي پەيتتە». ئۇ موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان پائالىيەتتە مۇنداق دېگەن: «بىر يىل بۇرۇن، مەن ئەڭ قۇرقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەندىمۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان».
رۇسىيەدىكى ئسىتېمالچىلار ئالاقىزادىلىك بىلەن مال سېتىۋېلىشقا باشلىغان بولۇپ، رۇبلى كۇرسىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈشىدىن بۇرۇن ھەر خىل تاۋارلارنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسمەن بانكىلار خېرىدارلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ۋە ياۋروپا بېسىپ قويۇشى سەۋەبلىك نەق پۇل كەمچىلىكىگە دۇچ كەلگەن.
Schroders فوندىنىڭ دىرېك
تورى Alexander Moseley مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىگە كىرىپ قالدى، ئەسلىدىكى بېسىمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرۈۋېلىش ئىنتايىن قىيىن».
12-ئاينىڭ 16-كۈنى رۇبلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى بىر مەزگىل چۈشۈپ 80 رۇبلى 1 ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولدى، كېيىن يەنە ئۆرلەپ 70 ئامېرىكا دوللىرى 1 رۇبلىغا تەڭ بولدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، رۇبلى پېرېۋوت نىسبىتى %50 چۈشكەن بولۇپ، گەرچە رۇسىيەنىڭ ھازىرقى جامائەت مالىيەسى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى شۇ ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا كۈچلۈك بولسىمۇ، كىشىگە 1998-يىلىدىكى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن دۆلەت ئىچى قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادنىڭ گۇمران بولۇشىنى ئەسلىتىدۇ. رۇبلى كۇرسىنىڭ تۇيۇقسىز شىددەت بىلەن چۈشۈشى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسىنىڭ رەئىسى Janet Yellen نىڭ 2014-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشىغا توغرا كېلىپ قالغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ كېلەر يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بەلگىسىدىن بىشارەت بەرسە، مەبلەغنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق يېڭى گۈللەنگەن بازاردىكى چۈشۈش يۈزلىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
رۇبلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشىگە تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رۇسىيە مەركىزى بانكسىىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشىغا ئارلاشقانلىقىنى سەۋەبلىك رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشى ھەمدە نېفىت باھاسىنىڭ توختىماي چۈشۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى نېفىت باھاسى 2009-يىلى 7-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چۈشۈپ ھەر باكى 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولدى. بۇ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە ئېلىپ كەلدى.
رۇبلى كۇرسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى Dmitry Medvedev مەركىزى بانكا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، رۇسىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرە قىلدى.
نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە رۇسىيە پۇقرالىرى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى پۇتىن رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ئېتىبار بىلەن قاراۋاتقان بولۇپ، پۇتىننىڭ پىلانىغا ئاساسەن كىرىزىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇش بەلگىسىنى تاپماقچى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە تەن بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىنى پەسەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بەلگە.
12-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتە، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى جىددى %6.5 يۇقىرى كۆتۈرۈپ %17 كە چىقارغان بولۇپ، بىراق بۇ تەدبىر رۇبلى كۇرسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىنى توسۇيالمايلا قالماي، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش پەرىزىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
رۇبلى كۇرسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلانى تېز سۈرئەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك مۈلۈككە كۆچۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. گېرمانىيە تارقاتقان 10 يىللىق زايۇمنىڭ پايدا نىسبىتى تۇنجى قېتىم %0.56 كە چۈشۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيەنىڭ 10 يىللىق زايۇم پايدا نىسبىتى %0.36 كە چۈشۈپ، تارىختا رېكورت يارىتىدىغان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.
موسكىۋا Micex پاي كۆرسەتكۈچى بىر مەزگىل %8 تىن ئارتۇق چۈشۈپ، كېيىن يەنە ئۆرلىدى. رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا__رۇسىيە فېدېراتسىيە زاپىسى بانكىسىنىڭ پاي باھاسى %17 چۈشۈپ، رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىنىڭ پاي باھاسى %10 چۈشتى.
تەرجىمىدە: ئاينۇر

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا