ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازا قارا تىزىملىكىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ
- ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ 8-دېكابر خەۋىرى: ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش تەدبىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق مەزكۇر تىزىملىكتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن باشقا شىركەتلەر بىلەن كەڭ باغلىنىشى بار ئىكەن. بۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا توسالغۇ ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جازا ئوبيېكتى ئىگىدارلىقىدىكى قىسمەن شىركەت بىلەن كەسىپ ئالاقىسى قىلىشى چەكلەندى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدىن بۇيان ئامېرىكا 50 ئەمەلىي گەۋدە ۋە 57 شەخسنى يېڭى رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بىراق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر 107 جازا ئوبيېكتىنىڭ دۇنيادىكى نەچچە مىڭ كارخانىلاردا پېيى بار ئىكەن ھەمدە ئەمەلىي پاي تىزگىنلەش ھوقۇقى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بەزىلىرى ۋاسىتىلىك ھالدا پايغا ئىگىدارلىق قىلىدىكەن ياكى پاي تىزگىنلەيدىكەن.
قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بىر قىسىم كىشىلەر شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ياكى لىدېرى بولۇپ، شىركەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن ھەمدە تىزگىنلىيەلەيدىكەن.
Dow Jones Risk & Compliance رەتلەپ چىققان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە مەزكۇر جازا ئوبيېكىتلىرى بىلەن باغلىنىشى بار شىركەتلەر ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى 70 تىن ئارتۇق دۆلەتكە تارقالغان. Dow Jones Risk & Compliance سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاخبارات گۇرۇھى News Corp قارمىقىدىكى Dow Jones شىركىتىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇپ، Dow Jones شىركىتىمۇ ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ مەتبۇئاتى ھېسابلىنىدۇ.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا جازا تىزىملىكىدىكى شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدە بىلەن باغلىنىشى بار شىركەتلەر باش شىتابى فىنلاندىيەگە جايلاشقان پاراخوت ياساش شىركىتى بىلەن پېنسىلۋانىيە شىتاتىدىكى تىتان مېتال شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
باش شىتابى فىنلاندىيەگە جايلاشقان Arctech Helsinki Shipyard شىركىتى شىمالىي قۇتۇبتىكى بىر مۇز يارغۇچى پاراخوت ياساش شىركىتى بولۇپ، شىركەت تور بېتى ۋە Dow Jones شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە بىرلەشمە پاراخوت شىركىتى (United Shipbuilding Corp.) Arctech Helsinkiنىڭ %50 پېيىغا ئىگىدارلىق قىلىدىكەن ھەمدە STX Finland Oy بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا پۇقرالىرى ھەمدە شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر رۇسىيە شىركەتلىرى بىلەن كەسىپ ئالاقىسى قىلىشى چەكلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىرلەشمە پاراخوت ياساش شىركىتى Arctech Helsinki نىڭ كۆپ مىقداردىكى پېيىغا ئىگىدارلىق قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ Arctech Helsinki بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشى چەكلەنگەن.
تەرجىمىدە: ئاينۇر